باش سۈيى قېپىنى تېشىش ئوپېراتسىيىسى< دېگەننېمە؟
نېمە ئۈچۈن
ئۇ ئىچكى دىئامېتىرى 6.0 مىللىمېتىر بولغان ئۇزۇن يىڭنە ئارقىلىق، ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قورساق قىسمىنى تېشىپ، بالىياتقۇ بوينى ئارقىلىق، باش سۈيى قېپى بوشلۇقىغا بېرىپ، ئاندىن 20 مىللىمېتىر باش سۈيىنى تارتىپ چىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ. باش سۈيى ئىچىدە تەربىيىلىگەن ھامىلىنىڭ ھۈجەيرىسىدىن، ھۈجەيرىدىكى خروموزومىنى ۋە نۇرغۇنلىغان ئېنزىملارنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئانالىز قىلغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن خروموزومىنىڭ نورمالسىزلىقىنى (مەسىلەن، دوۋن سندرومى كېسەللىكى) گېنىنىڭ نورمالسىزلىقىنى ياكى تۇغما ماددا ئالمىشىشنىڭ نورمالسىزلىقىنى تەكشۈرۈپ، تۇغۇتتىن بۇرۇن دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ. ئادەتتە 15 ھەپتىدىن 20 ھەپتىگىچە بولغاندا، بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانسا بولىدۇ، ئەڭ ياخشىسى 22 ھەپتىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. 15 ھەپتە بولۇشتىن ئىلگىرى باش سۈيى نىسبەتەن ئاز، بۇنداق ۋاقىتتا بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانسا، بويىدىن ئاجراپ كېتىش نىسبىتى بىر ئاز يۇقىرى. 22 ھەپتىدىن كېيىن تەكشۈرسە نۇرغۇنلىغان ھۈجەيرىلەر چۈشۈپ كېتىپ، ئوڭايلىقچە نەتىجە قازانغىلى بولمايدۇ.