يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ زاكىسىنى قانداقتاللاش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
ئەنئەنىۋى پاختا رەخت زاكىنىڭ ئارتۇقچىلىقى يۇمشاق، ئازادە، ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى ياخشى، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ يۇمران تېرىسىگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. پاختا زاكا ھۆل بولۇپ كەتكەندە بوۋاق بىئاراملىقتىن يىغلاپ، ئانىسىنى ۋاقتىدا زاكا ئالماشتۇرۇشقا ئەسكەرتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ كاسا قىسمىنىڭ قۇرۇقلۇقىنى ساقلاپ، زاكا ئەسۋەيىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. پاختا رەخت زاكىنىڭ باھاسى ئەرزانراق ھەمدە قايتا ئىشلىتىشكە بولىدىغان بولۇپ، ئىقتىسادىي چىقىمى ئاز، ئەمما پاختا رەخت زاكىنىڭ كەمچىلىكى كۆپ قېتىم ئالماشتۇرۇلغاچقا، كۆپ تەييارلاش كېرەك. شۇنداقلا يۇيۇپ قۇرۇتۇش بىر ئاز ئاۋارىچىلىق. قەغەز زاكىنىڭ ئالاھىدىلىكى پاكىز، سۈمۈرۈشچانلىقى كۈچلۈك، سىڭىشچانلىقى تېز، كۆپ قېتىم سۈيدۈك سۈمۈرۈۋالسىمۇ، سىرتقى يۈزى يەنىلا قۇرۇقلۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ. قەغەز زاكا يەنە بوۋاقنىڭ ئۇخلىشىنى تېزلىتىپ، سۈيدۈكتىن ھۆل بولۇش ياكى زاكا ئالماشتۇرۇش جەريانىدا بوۋاقنىڭ ئۇيقۇسىغا تەسىر كۆرسىتىشىنى ئازايتىدۇ. قەغەز زاكىنىڭ يېتەرسىزلىكى يۇمشاق، ئازادىلىك دەرىجىسى، ھاۋا ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى پاختا رەخت زاكىغا قارىغاندا ناچارراق ھەمدە بىر قېتىملىق مەھسۇلات بولغاچقا باھاسى قىممەترەك. مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇزاق مەزگىل قەغەز زاكا ئىشلىتىشمۇ مۇۋاپىق ئەمەس. بۇنىڭدىن سىرت كۆرسىتىپ بېرىشكە تېگىشلىك بىر تەرەپ — پاختا رەخت زاكا ئىشلەتكەندە بەك كونىنى ئىشلەتمەسلىك، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.