UyghurWiki
UyghurWikiنەمەسۈت چىشى كەمتۈك بولۇپ قالسا يەنە ياخشى ئۆسەلەمدۇ؟

سۈت چىشى كەمتۈك بولۇپ قالسا يەنە ياخشى ئۆسەلەمدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بالىلار تەخمىنەن ئىككى ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا ئاستى - ئۈستى تاڭلايغا ئايرىم - ئايرىم ھالدا سەككىز تال ئەتراپىدا چىش چىقىدۇ، ئىككى يېرىم ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغاندا، ئاستىنقى تاڭلايغا ئون تال سۈت چىشى چىقىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بالىلارنىڭ سۈت چىشى گەرچە چىقىپ بولسىمۇ، بىراق ئاستىنقى - ئۈستۈنكى تاڭلىيى يېتىلىۋاتقان شۇنداقلا ئۆسۈش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقاچقا، بالىلار تۆت ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرى چىش تاڭلاي قىسىملىرى يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، بۇ ۋاقىتتا بالىلارنىڭ چىش ئارىلىقى بىر ئاز كەڭرى ياكى چىشلىرى ئېگىز - پەس بولسىمۇ، ئاتا - ئانىلار ئارتۇق ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى كېيىنكى يېتىلىش جەريانىدا بالىلارنىڭ چىشلىرى يەنە ياخشى ھالەتتە چىقىپ قېلىشى مۇمكىن، بىراق تۆت ياشقا كىرگەندىن كېيىنمۇ بالىلارنىڭ چىشى يەنىلا رەتلىك بولمىسا، ۋاقتىدا بالىلار چىش بۆلۈمىگە ئاپىرىپ داۋالىتىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە