ئىككى ياشلىق بالىلاردا ھەق - ناھەق تۇيغۇسى بولامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئادەمنىڭ ھەق - ناھەق تۇيغۇسى ۋە ئەخلاق تونۇشى تۇغما بولمايدۇ، بەلكى ئۇزۇن مۇددەت ئىجتىمائىي تۇرمۇش جەريانىدىكى خىلمۇخىل تەسىرلەر ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ. بالىلار ئىككى ياشقا كىرگەندە، ئاتا - ئانىسىنىڭ تەربىيىسى ئاستىدا، بىر قىسىم ھەرىكەتلەرنىڭ ھەق - ناھەقلىكىگە قارىتا، ئاددىي ھالدا ھۆكۈم قىلىپ، ئادەم ئۇرۇش، تىللاشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. بىراق ئۇنىڭدا ئۆزىنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمى شەكىللەنمىگەن بولۇپ، پەقەت چوڭلارنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلىدۇ. ئەگەر بىرەر ئىشتىن كېيىن چوڭلار خۇشاللىق ئىپادىسىدە بولسا، ئۇ ئۆزىنىڭ توغرا قىلغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىدۇ. ئەكسىچە چوڭلار خاپا بولسا، ئۇ ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىدۇ. شۇڭا، بۇ ۋاقىت بالىلاردا ھەق - ناھەق تۇيغۇسى، ئەخلاق كۆز قارشى شەكىللىنىۋاتقان ۋاقىت بولۇپ، ھەرگىزمۇ نېمە دېسە شۇنى قىلىپ بەرمەسلىك، زىيادە ئەركىلەتمەسلىك، توغرا ئۇسۇلدا يېتەكلەش ۋە تەربىيە قىلىپ، بالىلاردا ياخشى ئەخلاق قارشىنى تىكلەش، شۇنداقلا ئاتا - ئانىلار ئۆزلىرى ئۈلگە بولۇشى، بالىلارنىڭ ھەق - ناھەق، توغرا - خاتا ئايرىش قارىشىنى تىكلىشىدە ۋە ئۆستۈرۈشىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.