UyghurWiki
UyghurWikiنەمەكەپتەر يۆنىلىشنى قانداق پەرقلەندۈرىدۇ؟

كەپتەر يۆنىلىشنى قانداق پەرقلەندۈرىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ھەممىمىزگە مەلۇم، كەپتەر ئەڭ ئاسان ئېزىپ قالمايدىغان قۇش، مەيلى سىز ئۇنى قەيەرگە ئاپىرىپ قويۇپ بېرىڭ، ھەتتا ئۆيىڭىزدىن نەچچە مىڭ مېتىر جايغا ئاپىرىپ قويۇپ بەرسىڭىزمۇ بوران - يامغۇرغا قارىماي ماكانىغا قايتىپ كېلەلەيدۇ. كەپتەرنىڭ يول تونۇيالىشىدىكى سىر ئۇنىڭ ئىككى كۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مونەكتە. بۇ مونەكتە خاسىيەتلىك بىر <تەكشۈرۈش قۇرۇلمىسى> بار. ئۇ يەر شارنىڭ ماگنىت مەيدانىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەكشۈرەلەيدۇ، بۇ <قۇرۇلما> نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئالىملار كەپتەرنىڭ ماگنىت مەيدانىدىن پايدىلىنىپ ئۇچۇشىغا كاشىلا قىلماقچى بولۇپ، بەش كەپتەرنىڭ قانىتىغا كىچىككىنە ماگنىت ئورنىتىپ قويغان، نەتىجىدە بۇ بەش كەپتەرنىڭ پەقەت بىرىلا ماكانىغا قايتىپ كېلەلىگەن. ماگنىت مەيدانى ئارقىلىق يول تېپىش كاشىلىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، نېمە ئۈچۈن يەنە بىر كەپتەر توغرا قايتىپ كېلەلىگەن؟ چۈنكى كەپتەرلەر ماگنىت مەيدانىدىن پايدىلىنىپ يول تاپقاندىن باشقا، يەنە قۇياش نۇرى ئارقىلىقمۇ يول تاپالايدۇ. كەپتەرنىڭ بەدىنىدىكى <بىئوسائەت> قۇياشنىڭ ھەرىكىتىگە قاراپ توغرىلىنىپ يۆنىلىشنى تاللىيالايدۇ، ئاسمان بوشلۇقىنى قېلىن قارا بۇلۇت قاپلاپ كەتمىسىلا، كەپتەر قۇياشتىن كومپاس ئورنىدا پايدىلىنالايدۇ. كەپتەرنىڭ ئاسان ئېزىپ قالماسلىقىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ نىشاننى پەرق ئېتىش جەھەتتە كۆپ ئىقتىدارغا ئىگە بولغانلىقىدىندۇر. ھاۋا بۇلۇتلىنىپ يامغۇر ياغقان كۈنلىرى كەپتەر قۇياشنىڭ ئورنىنى بىلىشكە ئامالسىز قالغاندا، يەر شارىنىڭ ماگنىت مەيدانىدىن پايدىلىنىپ يول تاپالايدۇ. ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى قۇياشتىن كومپاس ئورنىدا پايدىلىنىدۇ. بەزى ئالىملار يېقىندا كەپتەرنىڭ پۇراقتىن پايدىلىنىپ، قايتىپ كېلىش يولىنى تاپالايدىغانلىقىنى بايقىغان.
← بارلىق تېمىلار نەمە