UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئەردىن ئاتىغا ئايلانغاندىن كېيىن دۇچ كېلىدىغان مەسىلىلەر قايسى؟

ئەردىن ئاتىغا ئايلانغاندىن كېيىن دۇچ كېلىدىغان مەسىلىلەر قايسى؟

نېمە ئۈچۈن ھازىر بىر قىسىم ئەرلەر توي قىلىشنى خالىمايدۇ. يەنە بىر قىسىم ئەرلەر توي قىلغاندىن كېيىن بالىلىق بولۇشنى خالىمايدۇ، توي قىلىش بىر ۋەزىپە، مەسئۇلىيەتنى تەلەپ قىلىدۇ. بالا بولسا بىر ئېغىر يۈك بولۇپ، تېخىمۇ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى تەلەپ قىلىدۇ دەپ قارىشىدۇ. دەرۋەقە، بالا پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرگە غايەت زور ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدۇ، بىر ئائىلىدە بىر بالا تۇغۇلىدىكەن، نەسەپ ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. ئەر يالغۇز ئەر بولۇپلا قالماي ھەم ئاتا بولىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ھەم قىيىن ھەم تەبىئىي ھالدا ئالمىشىدۇ. ئەمدىلا دادا بولغان ئادەم بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدە دائىم ئايالى ئىككىيلەن ئۆتكۈزگەن كۈنلەرنى ئەسلەيدۇ، ئايالىنى ئۆزىگە قارىتىۋالغان بالىسىغا ئازراق ھەسەت قىلىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنى يالغۇز قالغاندەك، ئايالى ۋە بالىسىنىڭ دۇنياسىدا ئۆزلىرى يوقتەك ھېس قىلىشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا دادا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئانا بىلەن بىرلىكتە بالىنىڭ ھەربىر مىنۇت ۋاقتىدا بىللە بولۇپ، ئاستا - ئاستا ئۆزىگە ئىشەنچ تۇرغۇزۇشى، ئەرلىك ۋە دادىلىق رولىنى ئوبدان ئۆتىشى كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە