UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ياخشى ئۇخلاشئادىتىنى قانداق يېتىلدۈرۈش كېرەك؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ياخشى ئۇخلاشئادىتىنى قانداق يېتىلدۈرۈش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن ياخشى ئۇخلاش ئادىتى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ھەم بوۋاقلارنىڭ ساغلاپ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىم شەرتى، شۇ سەۋەبتىن بالا تۇغۇلغاندىن باشلاپ، ئائىلە باشلىقى ئاڭلىق ھالدا ئۇنىڭدا ياخشى ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئالدى بىلەن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ياخشى بولغان ئۇخلاش مۇھىتى يارىتىش، تۇرۇشلۇق ئۆي ھاۋاسىنىڭ ساپ، ئىسسىقلىق، نەملىك دەرىجىسىنىڭ مۇۋاپىق، يوتقان، كۆرپىسىنىڭ قېلىن - نېپىزلىكىنىڭ لايىقىدا ھەم كەيپىياتىنىڭ تىنچ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەمسىل قىلىنىشچە <ئادەت تەبىئەتتىن كېلىدۇ>، ئائىلە باشلىقلىرى چوقۇم يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تەبىئىي ھالدا ئۇخلاش ئادىتىگە ئەمەل قىلىش، كۈندە ۋاقتىدا ئېمىتىش، ئەمچەك توپچىسىنى (ئېمىزگىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) چىشلىتىپ ئۇخلاتماسلىق شۇنداقلا پەپىلەپ، تەۋرىتىپ ھەم قۇچاقلاپ ئۇخلاتماسلىق. ئاساسلىقى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تەبىئىي ھالدا ئۆزلۈكىدىن ئۇخلاش قانۇنىيىتىنى بۇزۇۋەتمەسلىك، بوۋاقلارنىڭ تەبىئىي ھالدا ياخشى ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە بويسۇنۇش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ياخشى ئۇخلاشئادىتىنى قانداق يېتىلدۈرۈش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki