UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن بوۋاقلار ئاسانلا قەۋزىيەت بولۇپقالىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بوۋاقلار ئاسانلا قەۋزىيەت بولۇپقالىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بوۋاقلارنىڭ قەۋزىيەت بولۇشى دائىم ئاتا - ئانىلارنى قىينايدىغان قىيىن مەسىلە. ئاساسلىق ئىپادىسى چوڭ تەرەت قېتىم سانى ئازىيىش، تەرىتى قۇرغاق بولۇش، تەرەت قىلمىقى قىيىن بولۇش ھەتتا مەقئەت يېرىلىش ۋە تەرەت قىلغاندا ئاغرىش. بوۋاقلارنىڭ قەۋزىيەت بولۇشىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان سەۋەبلەر: 1. يېمەك - ئىچمەك ئامىلى. بوۋاقلارنىڭ يېمەك - ئىچمىكى ئاددىي بولۇش بولۇپمۇ تۆت ئايلىق ئىچىدە بوۋاق پەقەت ئانا سۈتىنىلا ئېمىش، يېمەكلىك ئىچىدە سېللىيۇلوزا ئاز ھەم ئاقسىل تەركىبى يۇقىرىراق بولۇش. شۇ سەۋەبتىن ئاسانلا قەۋزىيەت يۈز بېرىدۇ. 2. قەرەللىك تەرەت قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرمەي، دائىم ئويۇن بىلەن بولۇپ كېتىپ تەرەت قىلىشنى ئۇنتۇلۇپ قېلىپ چوڭ تەرەت ئۈچەيدە ئۇزاق تۇرۇپ قېلىپ قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 3. كېسەللىك ئامىلى. تۇغما ئۈچەي تار بولۇش، ئۈچەينىڭ ئىقتىدارى نورمال بولماسلىق، ئوزۇقلىنىشى ياخشى بولماسلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. 4. روھىي كەيپىيات ئامىلى. تۇيۇقسىز روھىي غىدىقلىنىش ياكى تۇرمۇش مۇھىتى ۋە تۇرمۇش ئادىتى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىمۇ قىسقا ۋاقىتلىق قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، قەۋزىيەت يەنە ئىرسىيەت ئامىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن بوۋاقلار ئاسانلا قەۋزىيەت بولۇپقالىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki