ئانا قانداق كىيىم كىيىپ بالا ئېمىتسە بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
نۇرغۇنلىغان ئانىلار بالا ئېمىتكەندە، ئەمچەكنى ئوڭاي چىقارغىلى بولىدىغان قۇلايلىق كىيىملەرنى كىيىۋالىدۇ، بۇ دەرۋەقە ئاقىلانە تاللاش. ئۇنداقتا بىز كىيىم كىيىشتىن ئىبارەت بۇ تەرەپتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك؟ ئاۋۋال خىزمەت كىيىمى كىيمەسلىككە دىققەت قىلىش، ئانا مەيلى قانداق خىزمەت قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەرگىز خىزمەت كىيىمى بىلەن بالا ئېمىتمەسلىكى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا بالىغا ئاۋارىچىلىك تېپىپ بەرگەن بولىدۇ، چۈنكى خىزمەت كىيىمىدە نۇرغۇنلىغان كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان باكتېرىيىلەر بار. بەزى ئانىلار خىمىيىلىك تالالاردىن توقۇلغان ئىچ كىيىملەرنى كىيىشكە ئامراق، چۈنكى بۇ خىل كىيىملەر بەدەننى گۈزەللەشتۈرىدۇ. بولۇپمۇ ئەمدىلا تۇغقان ئاياللار بەدىنىنىڭ قاملاشقان بولۇشىنى تېخىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ، خىمىيىلىك تالالاردىن توقۇلغان كىيىم سۈت بەزلىرىنى توسۇپ، ئانا سۈتىنىڭ راۋان بولۇشىغا توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، بالا ئېمىتىۋاتقان ئانا ۋاقتىنچە خىمىيىلىك تالالاردىن توقۇلغان ئىچ كىيىملەرنى كەيمەسلىكى ھەم خىمىيىلىك تالالاردىن تۇقۇلغان باغىرداقلارنى تاقىماسلىقى، ساپ پاختىدىن ئىشلەنگەن كىيىملەرنى كىيىشى كېرەك.