UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلار نېمىشقا تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئويناشقا ئامراق بولىدۇ؟

بالىلار نېمىشقا تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئويناشقا ئامراق بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئاتا - ئانىلار بالىلىرىغا مەيلى قانداق ئېسىل، قىزىقارلىق ئويۇنچۇقنى ئېلىپ بېرىشتىن قەتئىينەزەر، بالىلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى مەسىلەن: قازان، قاچا، چۆمۈچ قاتارلىق نەرسىلەرنى ئويناشقا بەكرەك ئامراق ئىكەنلىكىنى بايقىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ نۇرغۇنلىغان بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە ئەقلىي جەھەتتىن يېتىلىش مەزگىلىدىكى نورمال باسقۇچ. بالىلار بىر يېرىم ياشقا كىرگەندىن كېيىن خېلى پۇختا مېڭىپ ھەممە يەرلەرگە يۈگۈرۈپ يۈرۈشكە، نېمىنى كۆرسە شۇنى ئويناشقا ئامراق كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلار تېخى نېمىنىڭ ئويۇنچۇق، نېمىنىڭ ئويۇنچۇق ئەمەسلىكىنى تېخى ئېنىق بىلمەيدۇ. پەقەت كۆڭلىدە ھەيرانلىق ھېس قىلىپ، ھەممە نەرسىنى ئويناپ باققۇسى كېلىدۇ، شۇنداقلا بۇ ۋاقىتتا بالىلار چوڭلار نېمە قىلسا شۇنى دوراپ باقىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ خىل بۇيۇملارنى چوڭلار كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم ئىشلەتكەچكە، بالىلارمۇ دوراپ ئىشلىتىپ باقىدۇ. شۇڭا، ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنىڭ بۇ خىل ھەرىكىتىنى كۈچەپ چەكلىمەسلىكى، پەقەت بىخەتەرلىكنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا، ئىمكانقەدەر ئۇنىڭ ئىزدىنىش ئارزۇسى ۋە قىزىقىشىنى قاندۇرۇپ، بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
بالىلار نېمىشقا تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئويناشقا ئامراق بولىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki