UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالا ئېمىتىش مەزگىلىدە بۇنىڭدىن باشقا دورىلارنىئىشلەتسە بولامدۇ؟

بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە بۇنىڭدىن باشقا دورىلارنىئىشلەتسە بولامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن خىلمۇخىل مەركىزىي نېرۋىلارنى كونترول قىلغۇچى دورىلار مەسىلەن: فېنتوئىن ناترىي، فېنوباربىتال، دىئازېپام، مېپروبامات لىبرىئۇم دورىسى قاتارلىقلارنى سۈت ئارقىلىق بالا قوبۇل قىلغاندا، بالىنىڭ ئۇيقۇسى ئازلاش، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش، ھەتتا قانسىراش ھادىسىلىرى كۆرۈلىدۇ. ماددا ئالمىشىشنى چەكلەيدىغان خىلمۇخىل دورىلارنى ئىشلىتىشنى چەكلەش كېرەك، ئۇلار بالىنىڭ نورمال فىزىئولوگىيىلىك ماددا ئالمىشىشىنى كونترول قىلىپ، بالىنى زەھەرلەپ قويىدۇ. مورفىن، كوكائىن، خېروئىن، كەندىر قاتارلىقلارنى ئىشلىتىشنى چەكلەش كېرەك، ئالتە ئايلىق بولغان بوۋاقلارنىڭ بۇ مەست قىلغۇچى دورىلارغا بولغان سېزىمچانلىقى يۇقىرى بولۇپ، بالىنىڭ نەپەس ئېلىشىنى كونترول قىلىۋالىدۇ. رادىئوئاكتىپلىق يودلۇق بىرىكمىلەر ۋە تىئوئۇراتسىل، كوئۇمارىن قاتارلىقلار دورىلارنى (مەسىلەن: گىپارىن، ئۇيۇشقا قارشى دورىلار قاتارلىق دورىلارنى)، ئېرگون ياسالمىلىرى (بالىياتقۇنى تارايتىدىغان دورا) ۋە ئاتروپىن قاتارلىقلار ئوخشىمىغان دەرىجىدە سۈتكە كىرىپ، بالىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە زەخىملەندۈرىدۇ. بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدە بۇخىل دورىلارنى ئىشلىتىشنى چەكلەش ياكى بۇ خىل دورىلارنى ئىشلەتكەندە ۋاقتىنچە بالىنى ئېمىتمەسلىك كېرەك
← بارلىق تېمىلار نەمە
بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە بۇنىڭدىن باشقا دورىلارنىئىشلەتسە بولامدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki