UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا بىخەتەر ئازادە كارىۋاتنىقانداق تاللاش كېرەك؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا بىخەتەر ئازادە كارىۋاتنىقانداق تاللاش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بىز ئانا، بوۋاق بىر ئۆيدە بولۇشنى تەشەببۇس قىلىش بىلەن بىللە يەنە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا ئايرىم بىر كارىۋات تەييارلاشنىمۇ تەشەببۇس قىلىمىز. بۇ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن يېتىلىشى، ياخشى ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى ھەم مۇستەقىللىق ئېڭىنى تۇرغۇزۇشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئۈچۈن كارىۋات تەييارلاشتا ئاۋۋال بىخەتەرلىكنى ئويلىشىش، چوقۇم رىشاتكىلىق كارىۋات تاللاش، شۇنىڭ بىلەن بىللە ياسالغىنىغا ئۇزاقراق بولغان، گىرۋەكلىرى سىلىق ياغاچ كارىۋاتنى تاللاش، چوقۇم ياغاچ قىلتىرىقى، ئۇچلۇق نەرسىلەر، چىقىپ قالغان ۋېنتا ھەم مىخ قاتارلىق غەيرىي نەرسىلەرنىڭ بار - يوقلۇقىنى تەپسىلىي كۆزىتىش، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا تېگىپ ياكى سانجىلىپ يارىلاندۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئاندىن ئەڭ ياخشىسى يېڭى ياسالغان بوۋاقلار كارىۋىتىنى تاللىماسلىق، غىدىقلاشچانلىقى ھەم زىيانلىق پۇرىقى بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. ئۇنىڭدىن كېيىن ماتراسنىڭ قېلىن - نېپىزلىقى مۇۋاپىق دەرىجىدە بولۇشى، ئەڭ ياخشىسى يېڭى پاختىدىن تىكىلگەن بولۇشى، سەل قېلىنراق يۇمشاق پاختىنىڭ بولسىمۇ بولىدۇ. لېكىن بەك قېلىن ياكى بەك يۇمشاق بولۇپ كەتسە مۇۋاپىق بولمايدۇ، بولمىسا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار تېنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز. ئەڭ ئاخىرىدا كارىۋاتنىڭ بېشىغا بىر ئاز ئاۋازلىق چۆرگىلەيدىغان، ئوچۇق رەڭلىك ئويۇنچۇقلارنى ئېسىپ قويۇش كېرەك. بۇ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كۆرۈش، ئاڭلاش سەزگۈسىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق.
← بارلىق تېمىلار نەمە