تولغاقنىڭ قانداق ئىپادىلىرى بار؟
نېمە ئۈچۈن
تولغاقنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى بىر - ئىككى كۈن بولىدۇ، بۇ ئۈچ تىپقا بۆلۈنىدۇ:
1. يېنىك تىپ: بىمارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورمال ياكى ئازراق يۇقىرى بولىدۇ، قورسىقى ئاغرىيدۇ. يىنىك دەرىجىدە ئىچى سۈرىدۇ، كۈندىلىك چوڭ تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىدۇ. چوڭ تەرىتى سۇيۇقراق ھەم شىلىمشىق كېلىدۇ. بىراق قان ئارىلاش بولمايدۇ، ئادەتتە 3 ~ 7 كۈندىن كېيىن ئەسلىگە كېلىدۇ.
2. ئادەتتىكى تىپ: بىمار قاتتىق قىزىيدۇ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ، 39℃ ئەتراپىغا چىقىدۇ. سوغۇق تەرلەيدۇ، غالىلداپ تىترەيدۇ. ئارقىدىنلا قورسىقى ئاغرىيدۇ، ئىچى سۈرىدۇ. بىماركۈندە 10 - 20 قېتىمغىچە چوڭ تەرەت قىلىدۇ. تەرەت سۇيۇق كېلىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن شىلىمشىق ۋە قان ئارىلاش تەرەت كېلىدۇ. تولغاق بىلەن يۇقۇملىنىشى روشەن بولىدۇ (چوڭ تەرەت قىلغۇسى كېلىدۇ، بىراق چوڭ تەرەت قىلالمايدۇ). دەسلەپ داۋالىغاندىن كېيىن 1 ~ 2 ھەپتىدىن كېيىن كېسەللىك ئەھۋالى ئاستا - ئاستا ياخشىلىنىشقا باشلايدۇ.
3. ئوتتۇرا تىپتىكى زەھەرلىنىش: ئادەتتە ئىككى ياشتىن يەتتە ياشقىچە بولغان، بەدەن ساپاسى بىر ئاز ياخشى بولغان بالىلاردا كۆرۈلىدۇ، كېسەللىك ئەھۋالى خەتەرلىك بولۇپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى 40℃ تىن يۇقىرى بولىدۇ. روھسىزلىنىپ، ئۇيقۇغا ئامراق بولۇپ قالىدۇ ياكى بىئارام بولىدۇ. كەينى - كەينىدىن تارتىشىپ قېلىش، ھوشىدىن كېتىش ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ. چىرايى ناھايىتى تېزلىكتە ئاقىرىپ، تېرىلىرىگە چېكىت - چېكىت نەرسىلەر چىقىپ قالىدۇ. كالپۇكى ئاقىرىپ، كېيىن كۆكىرىپ، پۇت - قوللىرى مۇزلاپ كېتىدۇ. قان بېسىمى تۆۋەنلەپ، نەپەس ئېلىشى تەرتىپسىز بولىدۇ. نەپەس ئېلىشى ۋاقىتلىق توختاپ قالىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا شوك بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قورسىقى ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئۈچەي يوللىرى كسەللىك ئەھۋالى بىر ئاز يېنىك بولىدۇ. ئەگەر يۇقىرىقى ئىپادىلەر بولسا، دەرھال ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ، جىددىي قۇتقۇزۇش كېرەك.