UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارغا جىنسىي تەربىيىنى قانداق ئېلىپ بېرىش كېرەك؟

بالىلارغا جىنسىي تەربىيىنى قانداق ئېلىپ بېرىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بالىلىق مەزگىلىدە جىنسىي تەربىيە ئېلىپ بېرىشنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى بالىلارغا ئۆزىنىڭ جىنسىي پەرقىنى تونۇتۇشتىن باشلاش ۋە ئۆزىنىڭ جىنسىي پەرقىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تونۇتۇشتىن باشلاشتىن ئىبارەت. بالىلار تۇغۇلغاندا، ئۆزىنىڭ جىنسىي پەرقىنى قەتئىي بىلمەيدۇ. تەخمىنەن بىر ياشقا كىرگەندە ئاندىن ئۆزىنىڭ جىنسىي پەرقىنى تونۇشقا باشلايدۇ، ئالدى بىلەن ئاتا - ئانا ئارقىلىق ئۆزىنىڭ جىنسىي پەرقى يېتىپ ھەم يات جىنستىكى پەرقنى تونۇپ بىر ياشقا كىرگەندىن كېيىن ئاتا - ئانىسىنىڭ تىلىنى چۈشىنىشكە باشلايدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئاتا - ئانىلار ئۇنىڭ بەدەندىكى ھەرقايسى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىنى ئاددىي ھالدا تونۇشتۇرۇپ قويسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىيىم - كېچەك ئارقىلىق بالىلارغا ئۆزىنىڭ جىنسىي پەرقىنى بىلدۈرۈش كېرەك. مەسىلەن: قىز بالىلارغا <مېنىڭ قىزىم بەك ئوماق، گۈللۈك كىيىمنى كىيسە ئىنتايىن ئوماق بولۇپ كېتىدۇ> دېيىش، ئوغۇل بالىلارغا <ئوغلۇم قەيسەر بالا، بىرەر ئىش قىلغاندا ناھايىتى باتۇر> دېيىش. بالىلارغا ئاساسىي فىزىئولوگىيىلىك تازىلىق بىلىملىرىنى ئۆگىتىش كېرەك
← بارلىق تېمىلار نەمە