UyghurWiki
UyghurWikiنەمەتىپلىق تارقىلىشچان مېڭە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟

تىپلىق تارقىلىشچان مېڭە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بۇ خىل كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتىكى ئىشلارنى ياخشى قىلىش كېرەك: 1. يۇقۇملىنىش مەنبەسىنى كونترول قىلىش ۋە بىمارنى بالدۇر بايقاپ ئايرىپ داۋالاش كېرەك، بىراق بۇ كېسەلنىڭ ئاساسلىق يۇقۇملىنىش مەنبەسى ئۆي ھايۋانلىرى، بولۇپ، باقىدىغان ئورۇننىڭ مۇھىت تازىلىقىنى ياخشىلاپ، ئادەم بىلەن ئۆي ھايۋانلىرى تۇرىدىغان يەرنىڭ ئارىلىقى يىراق بولۇشى كېرەك. 2. يۇقۇملىنىش يولىنى ئۈزۈل - كېسىل يوق قىلىش كېرەك. بۇ خىل كېسەل ئاساسلىقى پاشا، چىۋىن قاتارلىق ھاشاراتلار تەرىپىدىن يۇقۇملانغاچقا، ھاشارات چېقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ھاشاراتنى يوقىتىش كېرەك. ھاشاراتنى يوقىتىشتا، ھاشارەت يوقىتىش قەغىزى، دورىسى قاتارلىقلارنى ئىشلەتسە بولىدۇ. 3. ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. بۇ خىل كېسەلگە قارشى تۇرۇش، ئەملەش ئوكۇلى ئۇرۇشقا بولىدۇ. بىراق، ئەملەش ئوكۇلى ئۇرۇش بۇ خىل كېسەل تارقىلىشتىن بۇرۇنقى بىر ئاي ئىچىدە تاماملىنىپ بولۇشى شۇنداقلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە