كەلگۈسىدىكى تانكىلاردا قانداق تەرەققىياتلار بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
1916 - يىلى تانكا قېتىم جەڭگاھقا چىققاندىن تارتىپ، بارلىق كەڭ كۆلەملىك قۇرۇقلۇق ئۇرۇشلىرىدا دېگۈدەك ئەڭ مۇھىم ھەرىكەتچان قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىلىپ كەلدى. ئۇ ئالدىغا ئىلگىرىلەش جەريانىدا ھۇجۇم قىلىپ، چېكىنىش جەريانىدا مۇداپىئە كۆرەلەيدىغان بولغاچقا، ئۇ ئارقىلىق دۈشمەن پوزىتسىيىسىگە ھۇجۇم قىلىشقا ھەم دۈشمەن تانكىلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن ئۈنۈملۈك مۇداپىئە كۆرۈشكە بولاتتى. بىر ئەسىرگە يېقىن تەرەققىيات جەريانى ئارقىلىق ھازىرقى تانكىلارنىڭ ئىقتىدارى زور دەرىجىدە يۇقىرىلاپ، كۈچ - قۇدرىتى بارغانسېرى ئاشتى. ئۇنداقتا، تانكىلاردا يەنە يېڭى تەرەققىياتلار بولارمۇ؟
كەلگۈسىدىكى تانكىلارنىڭ ئوت كۈچى تېخىمۇ شىددەتلىك، سۈرئىتى تېخىمۇ تېز بولۇپلا قالماي، يەنە قوغدىنىش ئىقتىدارى ۋە ئاپتوماتلىشىشىمۇ كۈچىيىپ بارىدۇ. مەسىلەن، تانكا ياسايدىغان ماتېرىياللار تېخىمۇ مۇستەھكەم ۋە يېنىك بولىدۇ ھەمدە ئىلغار بولغان ئاكىتىپ قوغدىنىش برونېسى قوللىنىلىپ، دۈشمەننىڭ زەمبىرەك ئوقلىرى ۋە باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلىرىنى ئاپتوماتىك تەكشۈرەلەيدىغان ۋە ئۇلاردىن مۇداپىئە كۆرەلەيدىغان بولىدۇ، يەنى مۇشۇ زەمبىرەك ئوقلىرى ياكى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەر تانكىغا تېگىشتىن ئىلگىرىلا پارتىلىتىۋېتىلىدۇ- دە، تانكىنىڭ بىخەتەرلىكى قوغدىلىپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ئىلگىرى تانكا زەمبىرىكىگە ئوقنى تانكىچىلار سالىدىغان، زەمبىرەك مۇنارى تانكىچىلار كونتىرول قىلىدىغان جەريان پۈتۈنلەي ئاپتوماتلىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تانكىچىلارنىڭ يۈكى يېنىكلەپ، تانكىنىڭ جانلىقلىقى كۈچىيىدۇ.
كەلگۈسىدىكى تانكىلارغا يەنە ئىلغار كومپيۇتېر تورى سىستېمىسى سەپلىنىپ، تەكشۈرۈش، خەۋەرلىشىش، تىزگىنلەش قاتارلىق ئىقتىدارلىرىنىڭ ھەممىسى رەقەملەشتۈرۈش ئاساسىغا تۇرغۇزۇلۇپ، ھاۋا چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي جەڭ قىلىشى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كەلگۈسىدىكى تانكىلار يەنە يادرو قوراللىرى ۋە خىمىيىلىك قوراللاردىن مۇداپىئەلىنەلەيدىغان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا توك بىلەن قىزىتىلىدىغان خىمىيىلىك زەمبىرەك، ئېلېكترون ماگىنىت ئوربىتىلىق زەمبىرەك قاتارلىق يېڭىچە قوراللارمۇ ئالدى بىلەن تانكىدا قوللىنىلىشى مومكىن.