زامانىۋى ھەربىي پاراخوتلاردىكى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەر قانداق قويۇپ بېرىلىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
نۇرغۇن كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش تېزلىكىنىڭ ئاۋاز تېزلىكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى بىزگە مەلۇم، شۇڭا كۈرەشچى ئايرۇپىلانلاردىن باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قويۇپ بەرگەندە، ئىتتىرىش كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. ئەمما دېڭىزدا يۈرۈش سۈرئىتى بىر قەدەر ئاستا بولىدىغان سىنارەد قويۇپ بېرىشتە مەخسۇس قويۇپ بېرىش قۇرۇلمىسى ئورنىتىشقا توغرا كېلىدۇ ھەمدە راكېتا ماتورىدىن پايدىلىنىپ تېزلىكنى ئاشۇرمىسا بولمايدۇ. ئۇنداق بولسا، ھەربىي پاراخوتلاردىكى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەر قانداق قويۇپ بېرىلىدۇ؟
ئىلگىرى، ھەربىي پاراخوتلاردىكى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قويۇپ بېرىش قۇرۇلمىسى پاراخوت زەمبىرىكىگە ئوخشاش يانتۇ ئورنىتىلاتتى. ئۇنىڭ ئىگىلەيدىغان ئورۇن كۆلىمى چوڭ، قويۇپ بېرىش سېگمېنتى كىچىك بولۇپ، تۈزۈلۈشى ۋە تەڭشەش ئۇسۇلىمۇ بىر قەدەر مۇرەككەپ ئىدى. 1980 - يىلى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ <كىلوف> ناملىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد بىلەن قوراللانغان يادرو ئېنېرگىيىلىك ئوكيان چارلاش پاراخوتى تۇنجى قېتىم باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى تىك قويۇپ بېرىدىغان قۇرۇلمىنى قوللاندى. كېيىن، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز ئارمىيىلىرى بۇ خىل ئۈنۈملۈك قويۇپ بېرىش شەكلىنى قوللاندى.
باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى تىك قويۇپ بېرىش قۇرۇلمىسىنىڭ نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلىرى بار. بىرىنچىدىن، ئاسمانغا تىك كۆتۈرۈلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ھەر تەرەپلىمە ھۇجۇم قوزغىيالايدۇ، ئۇ قويۇپ بېرىش يۆنىلىشىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. ئىككىنچىدىن، تىك قويۇپ بەرگەندىكى سۈرئەت يانتۇ قويۇپ بەرگەنگە قارىغاندا ئون ھەسسە تېز بولىدۇ ھەمدە بىر قانچە باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى بىرگە قويۇپ بېرىپ، ئوخشاشمىغان يۆنىلىشتىكى نىشانلارغا زەربە بەرگىلى بولىدۇ. تىك قويۇپ بېرىش قۇرۇلمىسى قوللىنىلغاندىن كېيىن، ھەربىي پاراخوتلاردا زاپاس ساقلانغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەرنى كەڭ ئاساسىي پالوبىنىڭ ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ. بۇ چاغدا قويۇپ بېرىش قۇرۇلمىسى يەنە زاپاس ساقلاش قۇرۇلمىسىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ. بۇنداقتا باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەرنى زاپاس ساقلاش مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپلا قالماي، بەلكى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قويۇپ بەرگىلى بولىدۇ. ئىلگىرىكى قويۇپ بېرىش قۇرۇلمىسىغا ئوخشاش دېڭىز ئۈستىدە باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى ۋاقىتلىق قاچىلاش كەتمەيدۇ. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى تىك قويۇپ بېرىش قۇرۇلمىسى جەڭ جەريانىدىكى ئىنكاسىنىڭ توغرىلىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان.