يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار چوقۇم قايسى مۇداپىئە ۋاكسىنىلىرى بىلەن ئەملىنىشى كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
گەرچە بوۋاق ئانا تېنىدىن ئىممۇنىتېتلىق گلوبۇلىنغا ئېرىشىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر قاتار كېسەللىكلەرنىڭ يەنى قىزىل، سۇ چېچىكى، يۇقۇملۇق قۇلاق ئالدى بېزى ياللۇغى قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالسىمۇ، لېكىن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ قارشىلىق كۈچى ئاجىزراق، باشقا كېسەللىكلەر بىلەن ئاسانلا يۇقۇملىنىپ قالىدۇ. شۇڭا بوۋاقلارغا ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملەپ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا كالمېت - گۋېرىن ۋاكسىنىسى ھەم B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەش كېرەك.