ئايروپىلان ھاۋادا ئۆز ئارا سوقۇلۇپ كېتىشتىن ساقلىنالامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدا ئىسپانىيىدە <بوئىن - 747> تىپلىق ئىككى ئايروپىلان سوقۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ھادىسىدە 600 گە يېقىن كىشى قازا قىلغان. بۇنداق ئايروپىلان سوقۇلۇپ كېتىدىغان ئىشلار ھەممە دۆلەتتە يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئايروپىلان سوقۇلۇپ كېتىش ھادىسىلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن كەلتۈرىدىغان زىيان ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ.
ئايروپىلان مەخسۇس بەلگىلەنگەن ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىدە ئۇچىدۇ. بۇنداق ھاۋا لىنىيىسىدە ھەر بىر ئايروپىلان ئۆزى ئۈچۈن بېكىتىلگەن يۆنىلىش ۋە ئېگىزلىك بويىچە ئۇچىدىغان بولغاچقا سوقۇلۇپ كېتىش ھادىسىسى ئاسان يۈز بەرمەيدۇ. بىراق ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش تېزلىكى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، بەزىدە ئايروپىلاننىڭ ئۆز ئارا سوقۇلۇپ كېتىش ھادىسىسىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ماتېرىياللاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، قارشى تەرەپنىڭ ئايروپىلانى ئۇچقۇچىنىڭ كۆرۈش دائىرىسىگە ئۇچۇپ كىرگەندىن باشلاپ، ئۇچقۇچى ھۆكۈم چىقىرىپ، قارشى تەرەپ ئايروپىلانىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ بولغۇچە ئارىلىقتا تەخمىنەن ئىككى - بەش سېكۇنت ۋاقىت ئۆتىدىكەن. ئۇچقۇچىنىڭ كۆرۈش دائىرىسى ئادەتتە ئاران 900 مېتىر بولىدىكەن. ئەمما ئىككى سېكونت ئىچىدە ئىككى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ئارىلىقلىرىنىڭ يىغىندىسى 1000 مېتىردىن ئېشىپ كېتىدىكەن. شۇڭلاشقا، كۆپىنچە ھاللاردا ئۇچقۇچىلار زۆرۈر بولغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ بولغۇچە ئىككى ئايروپىلان سوقۇلۇپ كېتىدىكەن. شۇڭلاشقا، ئايروپىلاننىڭ سۇقۇلۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش لېنىيىسىنى ئىسلاھ قىلىشقا ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بولۇپمۇ ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش، قونۇش تەرتىپىنى تەڭشەش كېرەك. ئۇنىڭدىن قالسا، ئايروپىلانغا ئۇچۇۋاتقاندا ئاپتوماتىك سىگنال بېرەلەيدىغان ۋە سوقۇلۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان سىستېما ئورنىتىش كېرەك. ئىككى ئايروپىلان ئوخشاش بىر ئۇچۇش لىنىيىسىدە بىر - بىرىگە قارىمۇ قارشى ئۇچۇپ كەلگەندە، كومپيۇتېر سىستېمىسى ئۇچقۇچىنى بالدۇرراق ئەسكەرتىپ قويالىسا ھەمدە سوقۇلۇشتىن ساقلىنىش كۆرسەتمىسى بېرەلىسە، ئۇچقۇچى بىمالال ھالدا زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئايروپىلاننىڭ بىخەتەر ئۇچۇشىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ.