نېمە ئۈچۈن ماگنىت تۆمۈرنى تۇتۇۋالىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئەگەر سىز ماگنىت ئويناپ باققان بولسىڭىز، چوقۇم ماگنىتنىڭ تۆمۈرنى تارتىدىغانلىقىغا، ئەمما مىس، ئاليۇمىننى تارتمايدىغانلىقىغا قىزىقماي قالمايسىز.
تۆمۈر ماگنىتلىققا ئىگە بولغاچقا ماگنىت تۆمۈرنى تارتىدۇ. ھەممەيلەنگە ئايان، بارلىق ماددىلارنىڭ قۇرۇلمىسى چوڭىدىن تارتىپ كىچىكىگىچە مولېكۇلا بىلەن ئاتومدىن تەركىب تاپىدۇ، مولېكۇلا بولسا ئاتومدىن تەركىب تاپىدۇ، ئاتوم بولسا يەنە ئاتوم يادروسى ئېلېكتروندىن تەركىب تاپىدۇ. ئېلېكترون بىر تەرەپتىن، ئاتوم يادروسىنى دەۋرىي قىلىپ توختىماي ئايلانسا، يەنە بىر تەرەپتىن توختىماي ئۆزىدىن ئايلىنىدۇ. ئېلېكتروننىڭ بۇ ئىككى خىل ھەرىكىتى ماگنىت پەيدا قىلىدۇ. ئەمما، نۇرغۇن ماددىدا ئېلېكترون ھەرىكىتىنىڭ يۆنىلىشى ئوخشاش بولمايدۇ، بۇ، ئېلېكتروندا پەيدا بولغان ماگنىتلىقنى يوقىتىۋېتىدۇ، شۇڭا، كۆپ قسىم ماددىدا ماگنىت بولمايدۇ. ماگنىتتىكى ماگنىتلىق ئاساسلىقى ئېلېكتروننىڭ ئۆزىنى ئايلىنىشىدىن پەيدا بولىدۇ. ماگنىتنىڭ ئىچكى قىسمىدا تۆمۈر مولېكۇلىسى قاتار تىزىلىپ تۇرىدۇ ھەمدە ئېلېكتروننىڭ ئۆزىنى ئايلىنىش يۆنىلىشى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن بىر پارچە ماگنىت ماگنىتلىققا ئىگە بولىدۇ. ھەر بىر ماگنىتنىڭ ئىككى تەرىپى قارىمۇ قارشى ماگىت قۇتۇپىغا ئىگە بولىدۇ. بىر پاچە ماگنىتنىڭ مەلۇم تەرىپىنى يەنە بىر پارچە ماگنىتنىڭ قارىمۇ قارشى قۇتۇپى بار تەرىپىگە يېقىنلاشتۇرساق، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا بىر - بىرىنى تارتىش كۈچى پەيدا بولىدۇ.
ماگنىتنى تۆمۈرگە يېقىنلاشتۇرغاندا ماگنىتتا پەيدا بولغان ماگنىت مەيدانىنىڭ تەسىرىدە تۆمۈر مولېكۇلىسىنى ماگنىتلىشىدۇ. يەنى تۆمۈر ئىچىدىكى تۆمۈر مولېكۇلىسى ماگنىت مەيدانى يۆنىلىشىنى بويلاپ، ئەسلىدىكى قالايمىقان ھالەتتىن رەتلىك، تەرتىپلىك تىزىلىپ، تۆمۈرنى ماگنىتلىققا ئىگە قىلىدۇ. تۆمۈرنىڭ ماگنىتقا يېقىنلاشقان تەرىپىدىكى ماگنىت قۇتۇپى بىلەن ماگنىتنىڭ ماگنىت قۇتۇپى قارىمۇ قارشى بولۇپ، ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا تارتىش كۈچى پەيدا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تۆمۈرنى ماگنىت مەھكەم تۇتۇۋالىدۇ. مىس، ئاليۇمىن قاتارلىق مېتاللارنى ماگنىتنىڭ ماگنىت مەيدانى ماگنىتلاشتۇرمايدۇ، شۇڭا ماگنىتنىڭ ئۇلارغا تەسىرى بولمايدۇ