UyghurWiki›نەمە›تارقىلىشچان B تىپلىق مېڭە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئوكۇل قىلىشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك
تارقىلىشچان B تىپلىق مېڭە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئوكۇل قىلىشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك
نېمە ئۈچۈن
تارقىلىشچان B تىپلىق مېڭە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئۇرۇشتا تۆۋەندىكى مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:
1. قىزىش، جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللەر، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى، ئاكتىپ تۇبېركۇليوز ۋە يۈرەك، جىگەر، بۆرەك قاتارلىق كېسەللەر بىلەن كېسەللەنسە، بەدىنى ئاجىز، زىيادە سەزگۈرلۈك تارىخى ۋە تۇتقاقلىق كېسىلى بارلار، تۇغما ئىممۇنىتېتى كەمتۈكلەر، يېقىندا ياكى دەل شۇ ۋاقىتتا ئىممۇنىتېتنى تورموزلاپ داۋالىنىۋاتقانلار ۋە ھامىلىدار ئاياللارغا ئوخشاشلا B تىپلىق مېڭە ياللۇغى زەھىرى ئاجىزلاشتۇرۇلغان تىرىك ۋاكسىنىسىنى ئوكۇل قىلىشقا بولمايدۇ؛
2. كىچىك بوتۇلكىنى ئاچقاندا ياكى ئوكۇل قىلغاندا دېزىنفېكسىيە دورىلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرۇشقا بولمايدۇ؛ ۋاكسىنا ئېرىگەندىن كېيىن بىر سائەت ئىچىدە ئىشلىتىلىپ بولۇنۇشى ئەگەر ئىشلىتىلىپ بولۇنمىسا تاشلىۋېتىش كېرەك؛
3. بۇ ۋاكسىنىنىڭ ناچار رېئاكسىيىسى ئازراق، ئاز بىر قىسىم بالىلاردا ئوكۇل قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن 24 سائەت ئىچىدە يەرلىك ئورۇندا ئاغرىش ياكى قىزىرىپ ئىششىش كۆرۈلۈپ بىر - ئىككى كۈن ئىچىدە يېنىپ كېتىدۇ. بەزىدە قىزىش كۆرۈلۈپ ئۆزلۈكىدىن يېنىپ كېتىدۇ. بەزىدە بولسا ئەسۋە كۆرۈلىدۇ، ئادەتتە ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.