نېمە ئۈچۈن شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى شىمالىي قۇتۇپنىڭ سوغۇقىدىن قورقمايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
قار - مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان شىمالىي قۇتۇپتا، پۈتۈن بەدىنى قاردەك ئاق بىر ھايۋان ياشايدۇ. بۇ مەشھۇر شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى بولۇپ، ئاق ئېيىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
شىمالىي قۇتۇپنىڭ تېمپېراتۇرىسى دائىم نۆلدىن تۆۋەن نەچچە ئون سېلسىيە گرادۇس بولىدۇ، مۇشۇنداق سوغۇق مۇھىتتا شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى نىمە ئۈچۈن سوغۇقتىن قورقمايدۇ؟ ئەسلىدە، ئۇنىڭ تېرىسى ئىككى قەۋەت بولىدۇ. سىرتقى قەۋىتى مايلىق تېرە بولۇپ، ئېيىق يۇيۇنغاندا سۇ ئۆتمەيدۇ؛ ئىچكى قەۋىتى قېلىن تىۋىت قاتلىمى بولۇپ ئىسسىق ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ.
شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقىنىڭ ئاق مويى يەنە ئۇلترا بىنەپشە نۇرىنى قوبۇل قىلالايدۇ. ئەگەر شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقىنىڭ مويىنى مىكروسكوپتا كۆزىتىدىغان بولساق، تال - تال مويلارنىڭ ئىچى قورۇق نەيچىگە ئوخشىشىدىغانلىقىنى، مويىدا ھېچقانداق رەڭ پىگمېنتى يوقلۇقىنى بايقايمىز. شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى كۈن نۇرى بەدىنىگە چۈشكەندە، كۈن نۇرىنى جۈملىدىن ئۇلترا بىنەپشە نۇرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك قوبۇل قىلىپ، بەدىنىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئاشۇرالايدۇ، باشقا ھايۋانلار بۇنداق قىلالمايدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقىنىڭ بەدىنىدە يەنە قېلىن بىر قەۋەت ماي قاتلىمى بار، بۇمۇ ئۇنىڭ سوغۇققا تاقابىل تۇرۇشىغا چوڭ ياردەم بېرىدۇ