بوۋاقنىڭ چېچى شالاڭ، سېرىق بولسا نورمالمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بەزى ئاتا - ئانىلار بوۋاقنىڭ چېچىنىڭ ھەم شالاڭ ھەم سېرىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، بىر تەرەپتىن بوۋاقنىڭ ھامىلە ۋاقتىدا ياخشى يېتىلمىگەنلىكىدىن ئەنسىرىسە يەنە بىر تەرەپتىن بوۋاقنىڭ چوڭ بولغاندا چېچى ياخشى بولماسلىقتىن ئەنسىرەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئائىلە باشلىقلىرى بۇنىڭ ئۈچۈن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئىنتايىن ئومۇميۈزلۈك بولۇپ، بەزى كىشىلەر ئۇنى <بالىلار تاقىرلىقى> دەيدۇ. ئۇنىڭ ئانىنىڭ ھامىلىدار مەزگىلىدىكى ئوزۇقلۇقنىڭ ياخشى - يامانلىقى، كېسەللىك ئەھۋالى، ھامىلىدارلىقتىكى ئىنكاسى ۋە روھىي ھالىتى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ھامىلە بالىياتقۇدا بەش - ئالتە ئايلىق بولۇپ يېتىلگەندە پۈتۈن بەدىنى قويۇق ھامىلە تۈكى بىلەن قاپلىنىدۇ. كېيىن ئاستا - ئاستا چۈشۈپ كېتىدۇ. ئەگەر ھامىلە تۈكى بەك كۆپ چۈشۈپ كەتسە، تۇغۇلغاندىن كېيىن چېچى ئىنتايىن شالاڭ بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، <بالىلار تاقىرلىق> ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ. بوۋاق چېچىنىڭ شالاڭلىقى ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى بىر خىل نورمال ۋاقىتلىق ئەھۋال. بوۋاق بىر ياش ئەتراپىدا نورمال چېچى بارا - بارا ئۆسۈپ چىقىپ، بەش - ئالتە ياشقا كىرگەندە ھەم قارا ھەم پارقىراق بولۇپ كېتىدۇ