UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى تېتانۇسنىڭ قانداق ئىپادىلىرى بار؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى تېتانۇسنىڭ قانداق ئىپادىلىرى بار؟

نېمە ئۈچۈن كېسەللىنىش ۋاقتى ئادەتتە تۆت كۈندىن ئالتە كۈنگىچە بولۇپ كېسەللىنىش قانچە بالدۇر بولسا ئۆلۈش نىسبىتىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. باشلىنىشتا، ئاستىنقى ئېڭەك قېتىپ قېلىش ۋە چىشى كىرىشىشتىن ئېمەلەيدۇ، كۆز جىيىكى كىچىكلەپ، ئېغىز قۇيرۇقى سىرتىغا قاراپ، يۈز مۇسكۇلى تارتىشىپ، ئازابلىق كۈلگەن ھالەت شەكىللىنىدۇ، يۇتۇش قىيىنلىشىدۇ، قىسمەن ئورۇن ياكى پۈتۈن بەدەن تۇتقاقلىق خاراكتېرلىك تارتىشىدۇ. تارتىشىش قوزغالغاندا باش كەينىگە گىدىيىش، ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ئالدىغا بۆرتۈپ چىقىش، پۇتى تۈزلىنىش، ياچاقتەك غادىيىش ھالىتى شەكىللىنىدۇ. تارتىشىش ئۆتكەندىن كېيىن، مۇسكۇل بىر ئاز بوشىشىدۇ، تارتىشىش قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ئېغىر بولىدۇ، گاھىدا ھۈركىرىگەن ئاۋاز ياكى ھاسىرىغان ئاۋاز چىقىرىدۇ، نەپەس قىيىنلىشىشتىن ئۆلىدۇ. روھلىنىش خاراكتېرلىك كۈچەيگەنلىكتىن قانداقلا غىدىقلاش (نۇر، ئاۋاز، ئېنېرگىيە) بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسىلا سپازما خاراكتېرلىك قوزغىلىدۇ. بۇ كېسەلنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى ھەمدە ئەگەشمە كېسەللىك كۆرۈلۈشتىن ئۆلۈشكە سەۋەب بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە