نېمە ئۈچۈن كەھرىۋانىڭ ئىچىدە ئۇششاق ھاشاراتلار بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
كان ئىشچىلىرى كۆمۈر قېزىۋېتىپ كۆمۈر قاتلىمىدىن بەزىدە سېرىق، سۈزۈك رودىلارنى قېزىۋالىدۇ، مانا بۇلار كىشىلەر دائىم تىلغا ئالىدىغان كەھرىۋا تېشى. كىشىنى ئەجەبلەندۈرىدىغىنى شۇكى، بەزى چاغلاردا كەھرىۋا تېشىنىڭ ئىچىدە ئۇششاق ھاشاراتلار بولىدۇ، ئۇلارنىڭ شەكلى ھەر خىل بولۇپ تىرىكتەكلا كۆرۈنىدۇ. ئۇنداقتا بۇ ئۇششاق ھاشاراتلار قانداق قىلىپ كەھرىۋا تېشىنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغاندۇ؟
ئەسلىدە ھازىرقى كۆمۈر كان جايلاشقان رايونلار 40 - 50 مىليون يىللار ئىلگىرىكى قەدىمكى ھايات ئېراسى دەۋرىدە سازلىق ۋە قويۇق ئۆسكەن ئورمانلىق بولۇپ، ئۇ چاغلاردا كىلىمات ئىللق، ئۆسۈملۈكلەر بۈك - باراقسان بولغاچقا، ئورمانلار ئارىسىدا نۇرغۇن ئۇششاق ھاشاراتلار ياشايتتى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆمىلەيتتى، بەزىلىرى ئۇچاتتى، بوران چىقىپ دەرەخ شاخلىرىنى سۇندۇرۇۋەتكەندە، شاخ سۇنغان جايدىن بىر تېمىم - بىر تېمىمدىن دەرەخ يېلىمى ئاقاتتى، ئەگەر تېمىپ چۈشكەن دەرەخ يېلىمى بىرەر تال ھاشاراتقا چاپلىشىپ قالسا، ئۇ دەرەخ يىلىمىدىن ئاجرىيالمايتتى، يەنە داۋاملىق دەرەخ يېلىمى ئۇششاق ھاشاراتلارنى قېلىپ ھەم پۇختا <كۆمۈۋېتەتتى>. كېيىن يەر ئولتۇرۇشۇپ تۇتاش كەتكەن ئورمان بەلۋېغى ھېلىقى ئۇششاق ھاشاراتلارنى يۆگىۋالغان دەرەخ يېلىمى بىلەن قوشۇلۇپ چوڭقۇر يەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ كەتتى. يەنە نۇرغۇن يىللىق گېئولوگىيىلىك ئۆزگىرىش ئارقىسىدا، يەر ئاستىدىكى دەل - دەرەخلەر قاپقارا كۆمۈرگە ئايلانسا، دەرەخ يېلىمى قاتتىق ھەم سۈزۈك رودىغا ئايلانغان. ھېلىقى ئۇششاق ھاشاراتلار بولسا ئۇنىڭ ئىچىدە ئورىلىپ تۇرغان بولىدۇ. مانا بۇلار ھەر خىل ئۈنچىدەك پارقىراق، سۈزۈك كەلگەن گۈزەل كەھرىۋالاردۇر.