UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئانىسى بىلەن ئالاقىلىشالامدۇ؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئانىسى بىلەن ئالاقىلىشالامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بوۋاقلارنىڭ تىل قابىلىيىتى تېخى شەكىللەنمىگەن لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ بوۋاق ئانا بىلەن ئالاقە قىلىشقا ئامالسىز دېگەنلىك ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، يېڭى تۇغۇلغان مەزگىلدىكى بوۋاقلار ئاللىبۇرۇن ئالاقە قىلىش ماھارىتىنى ھازىرلاپ بولغان. بوۋاق تۇغۇلۇپلا تۇنجى يىغىسى ئۆزىنىڭ دۇنياغا كۆز ئاچقانلىقىنى جاكارلىغانلىقى. بوۋاق گەپ قىلىشتىن بۇرۇن، يىغىسى ئاتا - ئانا ھەم ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشنىڭ مۇھىم شەكلى. بوۋاق يىغلاش ئارقىلىق قورسىقى ئېچىش، ئۇسساش، زاكىسى ھۆللۈك ھەم ئاغرىپ قالغانلىق ئۇچۇرىنى ئىپادىلەيدۇ. ياش ئاتا - ئانىلار ئىككى، ئۈچ ھەپتىدىلا بالا يىغلاپ بەرگەن ئۇچۇرنى بىلەلەيدۇ ھەم مۇۋاپىق كۈتەلەيدۇ. بوۋاق يىغلاشتىن سىرت يەنە ھەرىكىتى ئارقىلىقمۇ ئاتا - ئانىسى بىلەن ئالاقىلىشالايدۇ. مەسىلەن: بوۋاقنىڭ كۆڭلى ئازادە ۋاقىتتا ھېچكىم قارىمىسىمۇ كارىۋاتتا ئۇزۇن ۋاقىت تىنچ ياتالايدۇ؛ ئەگەر بوۋاق قورسىقى ئاچقانلىقتىن يىغلىغان بولسا، ئەمچەك توپچىسىغا تېگىپ كەتكەن ھامان شوراپ كېتىدۇ؛ ئەكسىچە ئاغرىقتىن يىغلىغان بولسا، ئانا قانچە ئېمىتسىمۇ، بوۋاق رازى بولمايدۇ، شۇڭا ئاتا - ئانىلار بوۋاق بىلەن ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى تېزراق تېپىۋېلىشى، بوۋاق بىلەن ئۈنۈملۈك ئالاقە ئېلىپ بېرىشى كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە