قورساقنى يېرىش ئوپېراتسىيىسىنى قىلسا بولامدۇ -بولمامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
قورساقنى يېرىش ناھايىتى ياخشى ۋاسىتە، دوختۇر زۆرۈر دەپ قارىغاندا ئاندىن ئېلىپ بارسا بولىدۇ. ئىككى خىل ئەھۋالدا ئوپېراتسىيە قىلسا بولىدۇ:
1. ئۆزى تۇغۇشقا ئامالسىز قالغاندا: داس سۆڭەكنىڭ چىقىش ئېغىزى باشتىن كىچىك بولسا، بالىياتقۇ بوينى ۋە جىنسىي يول ئىنتايىن تار بولسا، تۇغۇت يولى ئىششىق تۈپەيلىدىن تارلىشىپ قالسا ئۆزى تۇغۇشقا ئامالسىز قالىدۇ.
2. ئانا - بالا ئىككىلىسى خەتەر ئىچىدە قالغاندا بۇ خىل ئەھۋالدا بەلكىم ھامىلە ئورنى ئۆزگىرىپ كەتكەن، ھامىلە ئورنى نورمالسىز بولغان (توغرىسىغا كېلىش، تولۇق بولمىغان كاسسا ئالدىن كېلىش)، ئايلانما نورمالسىز بولۇش قاتارلىق قىيىن تۇغۇت كۆرۈلگەندە، ئانا تېنىدە قىيىنچىلىق پەيدا بولىدۇ. ئەگەر ئالدىنقى قېتىملىق تۇغۇتتا داس سۆڭەك تار بولۇشى تۈپەيلىدىن قورساقنى يارغان بولسا، كېيىنكى قېتىمدىمۇ داس سۆڭەكنىڭ تارلىقى يوقالمايدۇ. شۇڭا، يەنىلا قورساقنى يېرىپ، بالىنى ئېلىش كېرەك. ھەربىر ھامىلىدار ئاياللار ئادەتتە بىر قېتىمدىن ئۈچ قېتىمغىچە قورساقنى يېرىش ئوپېراتسىيىسى قىلسا بولىدۇ، بىراق قايتا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە، مەزكۇر ئورۇن زەخىملىنىشى مۇمكىن، ئوپېراتسىيىدىن كېيىن، تىنچلىقنى ساقلاپ، ئىككى كۈندىن كېيىن كارىۋاتتىن چۈشسە بولىدۇ