ئايلىق بوۋاقلارنىڭ بېقىلىشىدا قانداق ئالاھىدىلىكلەر بار؟
نېمە ئۈچۈن
بىر ياشلىق بوۋاقلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەمچەكتىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ بولىدۇ ھەمدە بارا - بارا بىر كۈندە ئۈچ ۋاخ تاماق ئاساسلىق بولۇپ، ئەتىگەن، كەچتە كالا سۈتىنى قوشۇمچە قىلىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرىدۇ. ئاز سانلىق بوۋاقلار بەلكىم مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئەمچەكتىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ بولالماسلىقى مۇمكىن، ئائىلە باشلىقلىرى بۇنىڭ ئۈچۈن بەك ئەنسىرەپ كەتمەي، ئانا سۈتى بىلەن بېقىش ۋاقتىنى سەل ئۇزارتسىمۇ بولىدۇ. لېكىن 5.1 ياشتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئاتا - ئانا بالىنىڭ ئۆزى تاماق يېيىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىككى ياشنىڭ ئالدى - كەينىگىچە، بوۋاقنىڭ چوڭلارنىڭ تامىقىنى تولۇق ھەزىم قىلالايدىغان بولۇشىنى بەش - ئالتە ياشتىن كېيىنگىچە سەۋرچانلىق بىلەن ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بوۋاقنىڭ يېمەك - ئىچمىكى جەھەتتە ئاتا - ئانا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشى، تاماقنى ئىنچىكىلىك بىلەن يۇمشاقراق، سۇيۇقراق قىلىپ بېرىش كېرەك. بۇ ۋاقىت يەنىلا بوۋاقنىڭ بەدىنى چوڭىيىۋاتقان ۋاقتى بولۇپ، چوقۇم ئاقسىل ۋە ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ تەمىنلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئوزۇقلۇقنىڭ تەكشى بولۇشىغا، كۆكتات ۋە مېۋىنىڭ ماسلىشىشىغا دىققەت قىلىش، بالىدا تاماق تاللاش ئادىتى شەكىللەندۈرۈپ قويماسلىق كېرەك.