UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبەز ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دېگەن نېمە؟

بەز ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن بەز ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بەز ۋىرۇسىدىن ياللۇغلىنىشتىن كېلىپ چىققان ئۆپكە ياللۇغى. بەز ۋىرۇسى 3 ~ 7 تىپى ئاساسلىق كېسەل قوزغاتقۇچى بولۇپ، بوۋاق بالىلار ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئېغىر تىپى. بۇ كېسەل كۆپىنچە 6 ~ 24 ئايلىق بوۋاق، كىچىك بالىلاردا كۆرۈلىدۇ. ئاساسلىق ئىپادىسى: تۇيۇقسىز يۇقىرى قىزىتما يانماسلىق، روھىي چۈشكۈن، ئۇيقۇسىراش، چىرايى تاتىرىش، قاتتىق يۆتىلىش، (كەينى - كەينىدىن يۆتىلىش ياكى تۇتقاقلىق يۆتەل)، روشەن دېمى سىقىلىش، نەپەسلىنىشى تېز ھەم كۈچىنىش، ئېغىر ئەتراپى كۆكىرىش ھەم پۇت - قولىنىڭ ئۇچى كۆكىرىپ كېتىش قاتارلىقلار، قىزىپ ئۈچ - بەش كۈندىن كېيىن ئۆپكە قىسمىدىن ھۆل خىرىپ ئاۋازىنى ئاڭلاشقا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆپكە پۈتەيلىشىش ئىپادىسى كۆرۈلىدۇ. ئاز ساندىكى كېسەللەندۈرگۈچىلەردە سىرغىتمىلىق كۆكرەك پەردە ياللۇغى ئەگىشىپ كېلىدۇ. كۆكرەك سۈرەت پىليۇنكىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى، رېنتگىندا (x نۇرىدا) ئۆزگىرىش بالدۇر بايقىلىپ، چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان ياپىلاق داغ بىلەن ئىپادىلىنىدۇ ياكى بىرىكىپ چوڭ بىر كېسەل ئوچىقىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى كۆپ كۆرۈلىدۇ. لېكىن كېسەل ئوچىقىنىڭ سۈمۈرۈلۈشى ئاستا، پۈتۈنلەي سۈمۈرۈلۈپ بولۇش ئۈچۈن بىر نەچچە ھەپتىدىن بىر نەچچە ئايغىچە ۋاقىت كېتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە