ئەمچەكتىن ئايرىغاندىن كېيىنكى يېمەك - ئىچمەك يۆنىلىشى قانداق بولۇشى كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
ئەمچەكتىن ئايرىش تەرتىپلىك ۋە ئاستا - ئاستا ئېلىپ بارىدىغان جەريان بولۇپ، ھەرگىزمۇ تۇيۇقسىز ئېمىتىشنى توختاتماسلىق كېرەك. بىز ئاستا - ئاستا بالىنىڭ يېمەك - ئىچمىكىنى ئانا سۈتىدىن باشقا يېمەكلىكلەرگە، گۆش، كۆكتات قاتارلىق ئاساسلىق يېمەكلىكلەرگە ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك. ئەمەلىيەتتە، ئەمچەكتىن ئايرىشنىڭ ئالدىنقى ئورۇن باسقۇچىدا بىز بالىغا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بېرىشنى باشلاپ بولغان بولىمىز. بىراق بالىنىڭ ئاشقازان - ئۈچەي ئىقتىدارى چوڭلارنىڭكىدىن ئاجىز شۇنداقلا چىشى تولۇق چىقمىغاچقا، چوڭلار يېگەن نەرسىنى يېيەلمەيدۇ. شۇڭا ئەمچەكتىن ئايرىشنىڭ ئالدى - كەينىدە بالىغا ئايرىم نەرسىلەرنى يېگۈزۈش كېرەك، قىسقىسى قايسى يېمەكلىك يۇمشاق، ئوڭاي ھەزىم قىلىنىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولسا، شۇنى بېرىش كېرەك. ئەڭ مۇھىمى بالىغا نېمىلا بەرمەڭ يېمەكلىكنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تازىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىڭ.