UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن بىر كۈندە ئىككى قېتىم كۈن چىقىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بىر كۈندە ئىككى قېتىم كۈن چىقىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى كىتابلىرىدا، غەربىي جۇ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى يىۋاڭ تەختكە ئولتۇرغان تۇنجى يىلى <جېڭ> دېگەن يەردە مەلۇم بىر كۈنى بىر كۈندە ئىككى قېتىم كۈن چىققانلىقى خاتىرىلەنگەن. نېمە ئۈچۈن بىر كۈندە ئىككى قېتىم <كۈن چىقىدۇ؟> ئالىملار كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ قۇياش، يەر شارى ۋە ئاي شارىنىڭ ئايلىنىش جەريانىنى تەقلىد قىلىپ، <يىۋاڭ تەختكە ئولتۇرغان تۇنجى يىل> نىڭ مىلادىيدىن ئاۋۋالىقى 899 - يىلى ئىكەنلىكىنى شۇ يىلى 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى قۇياش ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن چاغدا، كۈننىڭ تولۇق تۇتۇلۇشى يۈز بېرىپ، يورۇپ بولغان ئاسماننىڭ قايتىدىن قارڭغۇلاشقانلىقىنى، كۈننىڭ تولۇق تۇتۇلۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كۈننىڭ يېڭىۋاشتىن چىققانلىقىنى بايقىدى. بىز مەلۇمكى، ئاي شارى ئايلىنىپ دەل يەر شارى بىلەن قۇياشنىڭ ئارىلىقىغا كەلگەندە، ئاي شارى قۇياشنى توسۇۋالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كۈن تۇتۇلۇش يۈز بېرىدۇ. ئەگەر قۇياش ئاي شارى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي توسۇۋېلىنسا، بۇنداق چاغدا كۈن تولۇق تۇتۇلىدۇ. كۈن تولۇق تۇتۇلغان چاغدا، پۈتكۈل قۇياش يۈزى ئاي شارى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان بولغاچقا، يورۇق ئاسمانمۇ بىردەمنىڭ ئىچىدىلا قاراڭغۇلىشىپ كېتىدۇ. ئاسماندا چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلار كۆرۈنىدۇ. قەدىمكى چاغلاردا، كىشىلەر نېمە ئۈچۈن كۈن تۇتۇلىدىغانلىقىنى بىلمىگەنلىكتىن، ھەمىشە ئۇنى شۇملۇقنىڭ بېشارىتى دەپ قارايتتى. يەر شارىدىكى مەلۇم بىر جايغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۈننىڭ تولۇق تۇتۇلۇشى ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال بولۇپ، 300 نەچچە يىلدا ئاران بىر قېتىم كۆرۈلىدۇ. بەلكى كۈننىڭ تولۇق تۇتۇلۇش ۋاقتى ئىنتايىن قىسقا بولۇپ، يەتتە مىنۇت 31 سېكۇنتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئاسترونوملار تېخىمۇ كۆپ كۆزىتىش ماتېرىياللىرىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ھەمىشە ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئاي شارىنىڭ سايىسىنى قوغلىشىپ، كۈن تولۇق تۇتۇلۇشىنى كۆزىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىدۇ. فرانسىيىلىك بىر ئالىم ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ كۈن تولۇق تۇتۇلۇشنى كۆزىتىش ۋاقتىنى 74 مىنۇتقا ئۇزاتقان.
← بارلىق تېمىلار نەمە