UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئاتنىڭ چىشىغا قاراپ يېشىنى بىلگىلى بولامدۇ؟

ئاتنىڭ چىشىغا قاراپ يېشىنى بىلگىلى بولامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن تەجرىبىلىك كىشىلەر ئات سېتىۋالغاندا، ئۇنىڭ تىمەنلىكىگە، تېرىسىنىڭ پارقىراقلىقىغا، تۇياقلىرىنىڭ مەزمۇتلۇقىغا قاراپلا قالماستىن، بەلكى يەنە چىشىغىمۇ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئاتنىڭ چىشىغا قاراپ ئۇنىڭ يېشىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا، ئۇنىڭ چىشى قانداقسىگە ئۇنىڭ ئەمەلىي يېشىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ؟ ئەسلىدە، ئاتنىڭ چىشىمۇ باشقا سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارغا ئوخشاش ئۇتتۇر چىش، قوزۇق چىش، ئالدىنقى ئېزىق چىش ۋە ئېزىق چىش دەپ تۆت خىلغا بۆلۈنىدۇ. يۇقىرىقى تۆت خىل چىش بىرلا ۋاقىتتا ئەمەس، بەلكى ئىلگىرى - كېيىن چىقىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇتتۇر چىش بىلەن ئالدىنقى ئېزىق چىش، يەنە سۇت چىش ۋە ئۆمۈرلۈك چىش دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. باشتا سۈت چىش، كېيىن ئۆمۈرلۈك چىش چىقىدۇ. شۇڭا، ئاتنىڭ چىش سانىغا ۋە چشىنىڭ شەكلىگە قاراپ ئۇنىڭ يېشىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئاتنىڭ ئۇتتۇر چىشىنىڭ چايناش يۈزىدە بىر ئويمانچەك بار بولۇپ، ئۇ چىش چاشكىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئويمانچەك ئۈستۈنكى ئۇتتۇر چىشتىن بىر مىللىمېتىر، ئاستىنقى ئۇتتۇر چىشتىن ئون مىللمېتىر چوڭقۇر بولىدۇ. ئات توختىماي ئوت - چۆپ يەپ تۇرغاچقا، ئۇنىڭ ئۇتتۇر چىشى ھەر يىلى تەخمىنەن ئىككى مىللىمېتىر خوراپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇتتۇر چىشىنىڭ شەكلىمۇ ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئات ئۈچ ياشقا كىرگەندە، ئۈستۈنكى ئۇتتۇر چىشى ئارىسىدا ئالتە دانە سۈت چىش بولىدۇ. ئوتتۇرىدىكى ئىككى چىشى بەكرەك خورىغان بولىدۇ. ئالتە ياشلىق بولغاندا، ئۈستۈنكى ئۇتتۇر چىشى ئارىسىدا ئالتە دانە ئۆمۈرلۈك چىشى بولىدۇ. ئون ياشقا كىرگەندە، چىش چاشكىسى يوقىلىدۇ. 15 ياشقا كىرگەندە، چايناش يۈزى ئۈچبۇلۇڭ شەكلىگە كېلىپ قالىدۇ. 30 ياشقا كىرگەندە، چىشىنىڭ چايناش يۈزى ياپىلاق بولۇپ قالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە