UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارنىڭ قول - پۇتلىرىنى قالايمىقان ھەرىكەتلەنـدۈرۈشنىڭ قانداق مەنىسى بار؟

بالىلارنىڭ قول - پۇتلىرىنى قالايمىقان ھەرىكەتلەنـدۈرۈشنىڭ قانداق مەنىسى بار؟

نېمە ئۈچۈن ھەرىكەت بولسا بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ ئېھتىياجى ۋە سىرتقى دۇنيانىڭ غىدىقلىشىنىڭ نەتىجىسى. ھەر قانچە چۈشەپ قويسىڭىزمۇ، بالىلار ئىستىخىيىلىك ھالدا ھەرىكەت قىلىدۇ. بىز يېڭى تۇغۇلغانلارنىڭ ناھايىتى راھەتلەنگەن ھالدا پۈتۈن بەدىنىنى تاشلاپ، كىچىك قوللىرىنى كۈچەپ ئېگىز كۆتۈرۈۋاتقانلىقىنى، كىچىك پۇتلىرىنى تۈزلەۋاتقانلىقىنى، ئاستا - ئاستا رىتىملىق ھالدا تېپچەكلەۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. پۇت - قوللىرىنىڭ بۇ خىل قالايمىقان ھەرىكىتى بوۋاقلارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى بەدەن ھەرىكىتى بولۇپ، بوۋاقلار رەڭگارەڭ گىمناستىكا دېيىشكىمۇ بولىدۇ. بوۋاقلار رەڭگارەڭ ئويۇنچۇق ياكى ئۆزىگە قاراپ كۈلۈمسىرىگەن چىرايلارنى كۆرگەندە، يېقىملىق مۇزىكا، ناخشىلارنى ئاڭلىغاندا، پۇت - قوللىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، خۇشاللىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ خىل پۈتۈن بەدىنىنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان ھەرىكەت بەدىنىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماي، پۇت - قوللىرىنىڭ مۇسكۇللىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كەيپىياتنىڭ خۇشال بولۇشىغىمۇ پايدىلىق بولۇپ، پسىخىكا جەھەتتىكى ساغلاملىقىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەمەلىي تۇرمۇشتا، بالىلارنىڭ ھەرىكىتى ناھايىتى ئاز بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
بالىلارنىڭ قول - پۇتلىرىنى قالايمىقان ھەرىكەتلەنـدۈرۈشنىڭ قانداق مەنىسى بار؟ | UyghurWiki | UyghurWiki