ئەمچەك ئىششىپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
بالا تۇغۇلۇپ تەخمىنەن ئۈچ كۈن بولغاندا ئانا بىرىنچى قېتىم بالا ئېمىشى سەۋەبلىك، سۈت چاچراش ئىنكاسى تەرىپىدىن ئاجرىتىلغان سۈتنىڭ كۆپ بولغانلىقىنى ھەم شۇنداقلا ئەمچىكىنىڭ ئىششىپ، قاتتىق ئاغرىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئانا سۈتى بىلەن بېقىشتىن ۋاز كەچمەكچى بولىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇنى ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش ئۇسۇلى يەنىلا داۋاملىق بالىنى ئېمىتىشتۇر. بالا ئېمىۋەرسە، بۇ خىل تۇيغۇ تېزلا ياخشىلىنىشقا قاراپ ماڭىدۇ، ئەگەر ئوڭايلا ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى توختىتىپ، سۈت سېغىش ئۇسۇلىنى ئىشلەتكەندە، سۈتنى ئۈنۈملۈك سېغىشقا ئامالسىز قېلىپ، ئەمچەكنىڭ ئىششىقى پەسەيمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە ئاغرىش ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىدۇ. بالىنى يەنە قايتا ئېمىتمەكچى بولغاندا ئەمچەك دېغىمۇ ئىششىپ، ئوڭاي سۈمۈرگىلى بولمايدۇ. يامانلىشىپ كەتكەندە ئانا سۈتى بىلەن بېقىشتىن ۋاز كەچسىمۇ بولىدۇ، ئەگەر بالا مەلۇم كېسەللىك سەۋەبىدىن، بىۋاسىتە ئېمىشكە ئامالسىز قالسا، ئۇنداقتا سۈتنى سېغىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىش ھەم ئىككى - ئۈچ سائەتتە بىر قېتىم ئېلىپ بېرىش كېرەك. يەنە سىقىپ چىقىرىلغان سۈتنى ئىستاكان ياكى تېمىتقۇچقا ئېلىپ، بالىغا بەرسىمۇ بولىدۇ. بالىنىڭ ئەھۋالى بىۋاسىتە ئەمچەكنى شورىيالايدىغان بولغاندا، ئانا سۈتىنى رەت قىلىش ئەھۋالىمۇ ئەڭ تۆۋەن ھالەتكە چۈشىدۇ.