نېمە ئۈچۈن ئالەم بوشلۇقىدا ئادەمنىڭ بويى ئېگىزلەپ قالىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئالەم بوشلۇقىدا ئادەمنىڭ بويى نېمە ئۈچۈن ئېگىزلەپ قالىدۇ؟ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقىدا ئۇزاقراق تۇرۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ بويى ئۆسۈپ قالىدىكەن، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۇلار گىگانىت ئادەملەرگە ئايلىنىپ قالامدۇ؟ قانداق؟ ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئەندىشە ئارتۇقچىدۇر. چۈنكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ بويى ئالەم بوشلۇقىدا ئەك كۆپ دېگەندىمۇ ئاران بەش - ئالتە سانتىمېتىر ئۆسۈپ قالىدۇ، يەر شارىغا قايتىپ كېلىپ، بىر قانچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بوي ئېگىزلىكىيەنە ئەسلىدىكى ھالەتكە كېلىدۇ.
ئادەمنىڭ بوي ئېگىزلىكىنىڭ ئۆزگىرىشى ھېچبىر ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس، يەر يۈزىدىمۇ ئادەمنىڭ بوي ئېگىزلىكى بىر كۈن ئىچىدە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، ئادەمنىڭ بويى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا كەچتە ئۇخلاش ئالدىدىكىدىن ئېگىز بولىدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئادەم ئۇخلىغاندا كارىۋاتتا تۈز ياتىدۇ، بۇ چاغدا ھەر قايسى بوغۇملار بوشاشقان ھالەتتە تۇرىدۇ، شۇڭا ئادەم ئويغىنىپ ئورنىدىن تۇرغاندا بويى <ئېگىزلەپ> قالىدۇ. بىراق بۇ خىل ئۆزگىرىش ئىنتايىن چەكلىك بولۇپ، ئادەتتە بىر سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقىغا چىققاندا، ئېغىرلىق كۈچى يوق بولغانلىقتىن، ھەممىلا نەرسە ئېغىرلىق يوقالغان ھالەتتە تۇرىدۇ. بۇ چاغدا ئادەمنىڭ ھەر قايسى بوغۇملىرى ۋە ئومۇرتقىسى تېخىمۇ ئېنىق بوشاشقان ھالەتتە تۇرىدۇ - دە، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ بويى روشەن ھالدا <ئېگىزلەپ> قالىدۇ. يەر يۈزىگە قايتىپ چۈشكەندىن كېيىن، ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تەسىرىدە بۇ خىل ھادىسە يوقىلىدۇ.
ئېغىرلىق يوقىتىش يالغۇز ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ۋە خىزمىتىگە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىك كەلتۈرۈپ بېرىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ. كۆپ ساندىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىدا ئېغىرلىق يوقالغان ئەھۋالدا كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، بېشى قېيىش، خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىشتىن ئىلگىرى قاتتىق مەشىق قىلىشتىن ئۆتكەندىلا، ئاندىن ئالەم بوشلۇقىدىكى ئېغىرلىق يوقىلىش مۇھىتىغا ماسلىشالايدۇ.