نېمە ئۈچۈن قوغۇشۇنسىز بېنزېن ئىشلىتىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرى، ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدىكى ئاساسلىق قاتناش يوللىرىغا يېقىن جايدا ئولتۇرىدىغان شەھەر ئاھالىسىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرگەندە، ئۇلارنىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى، بەزىلىرىنىڭ يەنە يۈرەك قان تومۇر كېسىلى ئىكەنلىكى، مېڭىگە قان چۈشۈش ۋە ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلىقى بايقالغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئادەم بەدىنى تەركىبىدە قوغۇشۇن بار ماددىنى ھەددىدىن كۆپ قوبۇل قىلۋاتقانلىقتىن، ئاستا خاراكتېرلىك قوغۇشۇندىن زەھەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئېنىقلانغان.
ئاتموسفېرادىكى قوغۇشۇننىڭ 90 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى ماشنىدىن چىققان گازدىن پەيدا بولىدۇ. بىنزېندا تېترا ئېتىل قوغۇشۇن دەپ ئاتىلىدىغان تەركىبىدە قوغۇشۇن بار ماددا بار، ئۇ ماشىنىنىڭ ئوت ئېلىپ پارتلاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بىنزېن كۆيگەندىن كېيىن، ئۇ قوغۇشۇن زەررىچىگە ئايلىنىپ، كۆيمىگەن تېتر ئېتىل قوغۇشۇن بىلەن بىللە ماشىنا گازىغا ئەگىشىپ ئاتموسفېراغا قويۇپ بېرىلىدۇ، قوغۇشۇن ۋە ئۇنىڭ خىمىيىلىك بىرىكمىسى ئادەمگە ئىنتايىن زىيانلىق. ئۇلار ئادەمنىڭ نەپەس يوللىرى ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە كىرىدۇ. بەدەنگە كىرگەن قوغۇشۇننىڭ كۆپ قسىمى سۆڭەككە يىغىلىدۇ، ئاز قىسمىلا سىرتقا چىقىرىۋېتىلىدۇ. ناۋادا بەدەندىكى يىغىلىپ قالغان قوغۇشۇن مەلۇم قويۇقلۇق دەرىجىسىدىن ئېشىپ كەتسە، قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئادەمنىڭ نېرۋا سىستېمىسى ۋە مېڭىگە زىيان يەتكۈزىدۇ ھەمدە راك پەيدا قىلىدۇ. بولۇپمۇ مېڭىسى يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بالىلارغا زىيىنى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولۇپ، بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. كۆپ ساندىكى بالىلارنىڭ بوي ئېگىزلىكى بىر مېتىردىن تۆۋەن بولىدۇ، قوغۇشۇن ۋە ئۇنىڭ خىمىيىلىك بىرىكمىسىنىڭ زىچلىقى ھاۋانىڭكىدىن چوڭ بولغاچقا، يەر يۈزىدىن 0.5 مېتىر يۇقىرى ئارىلىقتىكى ئاتموسفېرادا قوغۇشۇن تەركىبى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ.
قوغۇشۇندىن بۇلغىنىشنىڭ ئىنسانلارغا كەلتۈرىدىغان زىيىنىنى ئازايتىش ئۈچۈن، دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللە قوغۇشۇنسىز بېنزېن ئىشلىتىشنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. مەملىكىتىمىزدە نۇرغۇن چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەردە 2000 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ماشىنلارغا پۈتۈنلەي قوغۇشۇنسىز بېنزېن ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.