UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالا ئىمىتىۋاتقان ئاياللار كۆكسى چىڭقىلىشىنىبىر تەرەپ قىلىشنىڭ قانداقئۇسۇللىرى بار؟

بالا ئىمىتىۋاتقان ئاياللار كۆكسى چىڭقىلىشىنىبىر تەرەپ قىلىشنىڭ قانداقئۇسۇللىرى بار؟

نېمە ئۈچۈن تۇغۇتتىن كېيىن كۆپىنچە ئانىلاردا كۆكسى چىڭقىلىش ھادىسىسى پەيدا بولىدۇ، بۇ تۇغۇتتىن كېيىن سۈت ئاجراتقۇچى ھورمۇنلارنىڭ ئاجراتقان سۈت بەز ھۈجەيرىلىرىنىڭ سۈت ئاجرىتىشى بىلەن سۈت بەزلىرىنىڭ كۆپ سۈت چىقىرىشى تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدۇ. كۆكسى چىڭقىلغاندا، ئەمچەك بىر ئاز قاتتىق بولۇپ، چىڭقىلىش ۋە بېسىم تۈپەيلىدىن ئاغرىپ كېتىدۇ، ھەتتا قىزىرىپمۇ كېتىدۇ. قارىماققا ناھايىتى سىلىق، تولغان كۆرۈنىدۇ. ئەمچەك گەردىشىمۇ مۇقىم بولىدۇ ھەم قاتتىق ئاغرىيدۇ، ئانىمۇ قاتتىق ئاغرىق ھېس قىلىپ قالماي، بالىمۇ ئەمچەك توپچىسىنى ناھايىتى تەستە ئاغزىغا سالالايدۇ. قانچە كېچىكىپ ئېمىتسە، كۆكسى چىڭقىلىش ئېغىرلىشىدۇ. تۆwەندىكى ئۇسۇللار بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالايدۇ: 1. ئىسسىق ئۆتكۈزۈش. ئىسسىق ئۆتكۈزگەندە، سۈت بەزلىرىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋان قىلىپ، سۈت بەزلىرىدىكى سۈت پۈرچىلىرىنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى، سۈت بەز نەيچىلىرى توسۇلۇپ قېلىش ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ. لۆڭگە بەك قىزىق بولۇپ كەتمەسلىكى شۇنداقلا ئەمچەك توپچىسى ۋە ئەمچەك گەردىشىنى قىزىق لۆڭگە بىلەن سۈرتۈپ زەخىملەندۈرۈپ قويماسلىقى كېرەك. 2. سۈت سۈمۈرگۈچى ئەسۋابىنى ئىشلىتىش. كۆكسى چىڭقىلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى — سۈتنىڭ ئاجرىتىلىشى راۋان بولماسلىق ياكى زىيادە كۆپ سۇ ئاجرىتىلىش سەۋەبىدىن، بالىنىڭ ئەممەسلىكى تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدۇ. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا بالا ئەمچەك توپچىسىنى چىڭ تۇتالمىسا، سۈت سۈمۈرگۈچى ئەسۋاب ئارقىلىق سۈتنى سېغىپ، بالىغا بەرسىمۇ ئانىنىڭ كۆكسى چىڭقىلىش ئازابىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. 3. ئەمچەكنى ئۇۋۇلاش. ئەمچەكنى ئۇۋۇلىغاندا، ئەڭ ياخشىسى ئەمچەككە ئىسسىقلىق ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئۇۋۇلاش كېرەك. بۇ ۋاقىتتا ئەمچەكتىكى گۇرۇپپىلارنىڭ ئايلىنىشى راۋان بولۇپ، ئۇۋۇلاش ئارقىلىقمۇ ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. ئەمچەكنى ئۇۋۇلاشنىڭ ئۇسۇللىرى ناھايىتى كۆپ، ئىككى قول بىلەن بىر تەرەپتىكى ئەمچەكنى تۇتۇپ، ئەمچەكنىڭ ئاستىدىن ئۈستىگە قاراپ تاكى ئەمچەك توپچىسىغىچە ئۇۋۇلاپ، سۈتنى قاچىغا سېغىش كېرەك. ئەمچەك يۇمشىغاندىن كېيىن ئاندىن بالىنى ئېمىتسە بالىمۇ ئەمچەك توپچىسىنى ياخشى ئېمەلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
بالا ئىمىتىۋاتقان ئاياللار كۆكسى چىڭقىلىشىنىبىر تەرەپ قىلىشنىڭ قانداقئۇسۇللىرى بار؟ | UyghurWiki | UyghurWiki