تىك ئۇچار ئايروپىلاننى كىم كەشىپ قىلغان؟
نېمە ئۈچۈن
ئاكا - ئۇكا ۋاريتلارنىڭ ئايروپىلاننى كەشپ قىلغانلىقىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلىدۇ. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، تىك ئۇچار ئايروپىلاننىمۇ بىر جۈپ ئاكا - ئۇكىلار كەشىپ قىلغان، ئۇلار فرانسىيىلىك ئىنژېنېر لېۋېس برېيگ بىلەن جاككۋېس برېيگلاردۇر.
1907 - يىلى، ئاكا - ئۇكا برېيگلار يېڭى ئايروپىننى سىناق قىلدى. بۇ خىل ئايروپىلان قاراشتا باشقا ئايروپىلانلارغا ئوخشاشمايتتى، ئۇنىڭغا گورىزونتال يۆنىلىشتە ئايلىنىدىغان تۆت دانە ئايلانما قانات ئورنىتىلغان بولۇپ، بۇ قاناتلارنىڭ ئايلىنىشى ئارقىلىق يېتەرلىك كۆتۈرۈلۈش كۈچى ھاسىل قىلىناتتى. بىراق برېيگ ئاكا - ئۇكىلار يېڭى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش - ئۇچالماسلىقى ۋە بىخەتەر ئۇچۇش - ئۇچالماسلىقىغا ئېنىق بىر نېمە دېيەلمەيتتى. شۇڭا ئۇلار ئايروپىلانغا چىقماي، يەردە ئايروپىلاننى بىر تال ئارغامچا بىلەن تارتىپ تۇردى. نەتىجىدە، ئايروپىلان 5.1 مېتىر ئېگىزلىككە تىك كۆتۈرۈلدى. بۇ ئېگىزلىك گەرچە يېتەرلىك بولمىسىمۇ، ئەمما تىك ئۇچار ئايروپىلان تەتقىقاتى ۋە تەرەققياتى ئۈچۈن يول ئېچىپ بەردى.
ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان تىپتىكى تۇنجى تىك ئۇچار ئايروپىلان 1939 - يىلى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇنى روسىيەدە تۇغۇلغان ئايروپىلان لايىھىلىگۈچى سىكورىسكى لايىھىلىگەنىدى، ئۇ دەل 300 - SV تىپلىق يەككە ئايلانما قاناتلىق تىك ئۇچار ئايروپىلان ئىدى. ئەينى چاغدا تىك ئۇچار ئايروپىلان سۈرئەت، ئۇچۇش ئارىلىقى، ھاۋا بوشلۇقىدىكى ھەرىكەت ئىقتىدارى ۋە قورال - ياراغلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىلا بىر قەدەر قالاق بولغانلىقتىن، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشاي دېگەندە ئاندىن ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلانلار مەيدانغا كەلدى، بىراق ئۇ چاغدا ئۇچار ئايىروپىلانغا پەقەت پىلىموتلا ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۆزىنى قوغداشقا ئىشلىتىلەتتى.
ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدىن كېيىن، ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلانلار زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى، ئۇنىڭغا پىلمۇت، ئاپتۇماتسىمان زەمبىرەك، راكېتا، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قاتارلىق ھەر خىل قوللار ئورنىتىلىپ، قوراللىق ھۇجۇم قىلىش، پاراخوت، سۇ ئاستى پاراخوتلارغا قارشى تۇرۇش، مىنا تازىلاش، رازېدكا قىلىش، ترانسىپورت قاتارلىق كۆپ خىل ھەربىي ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىيالايدىغان بولدى، شۇنىڭ بىلەن <ھاۋا بوشلۇقىدىكى كۆپ ئىقتىدارلىق ئايروپىلان> دەپ ئاتالدى.