UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئالتە ئايلىق بوۋاقلارنى بېقىشنىڭ قانداق ]ئالاھىدىلىكى بار؟

ئالتە ئايلىق بوۋاقلارنى بېقىشنىڭ قانداق ]ئالاھىدىلىكى بار؟

نېمە ئۈچۈن بوۋاقلارنىڭ ساغلام يېتىلىشى ئۈچۈن ئانا ئىمكانقەدەر تۇغۇلۇپ ئالتە ئايلىققىچە ئانا سۈتىدە بېقىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. ئالتە ئايلىق بوۋاقلارنىڭ بەدىنى ئاللىقاچان بىر ئاز مۇستەھكەم بولۇپ قالغان بولۇپ، ھەرىكەت ئىقتىدارىمۇ ئىلگىرىكىدىن كۆپ ياخشىلانغان بولىدۇ. شۇڭا ئېنرگىيە ۋە ئوزۇقلۇق تەركىبىگە بولغان ئېھتىياجى تېخىمۇ يۇقىرى. سۈنئىي بېقىلغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن ئىلگىرى تەييارلانغان سۈت ئاساس قىلىناتتى، ھازىر بولسا يېڭى كالا سۈتى بېرىشىنى باشلىسا بولىدۇ. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا بوۋاق پەقەت ئانا سۈتىلا ئەمسە، ھازىر چوقۇم قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇپ بېرىشنى ئويلاشسا بولىدۇ. ئەگەر بوۋاق قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى خالىمىسا، ھەر قېتىم بوۋاقنىڭ قورسىقى ئاچقاندا ئاۋۋال قوشۇمچە يېمەكلىك بېرىپ ئاندىن سۈت ئېمىتسە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بوۋاقنىڭ چوڭىيىشغا ئەگىشىپ، ئېمىتىش ئارىلىقىنى بارا - بارا ئۇزارتىش، ھەر قېتىملىق سۈت ئېمىتىش ۋاقىتنى قىسقارتىش، بارا - بارا قوشۇمچە يېمەكلىكنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىش. ئادەتتىكى ئەھۋالدا بۇ مەزگىلدە بوۋاق ھەر كۈنى ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا يېرىم پىيالىدىن شوۋىگۈرۈچ ئىچىشى، يەنە ئاز مىقداردا ئۈگرە، تۇخۇم سېرىقىدىن ھەر كۈنى بىرنى يېيىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئالتە ئايلىق ۋاقتى دەل بوۋاقنىڭ چىشى چىقىدىغان ۋاقتى. شۇڭا شوۋىگۈرۈچ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرگە تۇخۇم سېرىقى، بېلىق قىيمىسى قاتارلىق كۆپ خىل قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ بېرىش ھەم بوۋاققا بىر قىسىم سەل قاتتىقراق يېمەكلىكلەرنى يەنى پېچىنە پارچىسى، بولكا قاتارلىقلارنى يېگۈزۈش. بۇ بىر تەرەپتىن چىشنىڭ يېرىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن بوۋاققا چايناشنى مەشىق قىلدۇرىدۇ
← بارلىق تېمىلار نەمە