يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۆپكە ياللۇغىنى قانداق پەرۋىش قىلىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۆپكە ياللۇغىنى پەرۋىش قىلىش ئاساسلىق تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1. كۆكرەك قىسمىنى ئاسراش. بەدىنىنى ئۆرۈپ قويۇش: يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدىنىنى پات - پات ئۆرۈپ قويغاندا ئۆپكىدىكى ئاجراتمىلارنىڭ يىغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ھەمدە بېسىمغا ئۇچرىغان ئورۇندىكى ئۆپكە توقۇلمىلىرىنىڭ كېڭىيىپ ھاۋا توشۇشنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. دۈمبىسىنى شاپىلاقلاش: تۆۋەندىن - يۇقىرىغا سىرتتىن ئىچىگە قارىتىپ ئېلىپ بېرىش، بۇنداق قىلغاندا كىچىك نەپەس يولىدىكى ئاجراتمىلار بوشاپ، چوڭراق نەپەس يولىغا كىرىشكە ئاسان بولۇپ، تۈكۈرۈكنى سۈمۈرۈشكە پايدىلىق ھەم ئۆپكە قىسمىدىكى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تۈكۈرۈك سۈمۈرۈش؛ نەپەس يولىدىكى ئاجراتمىلارنى ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك تازىلاپ، ئاجراتمىلارنىڭ يېپىشقاقلىرىنى تۇمانلاشتۇرۇپ سۈمۈرۈشكە ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق نەپەس يولىنى نەملەشتۈرۈپ، ئاجراتمىلارنىڭ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
2. مۇۋاپىق ئوكسىگېن ئىشلىتىش. كېسەل ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆزئارا مۇۋاپىق بولغان ئوكسىگېن ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ گىرىپتار بولغۇچى بوۋاقنىڭ قاندىكى ئوكسىگېننىڭ قويۇقلۇقىنى ئۆزگەرتىش.
3. نورمال بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ساقلاش. بەدەن تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە ماس ھالدا تۆۋەنلىتىش، بەدەن تېمپېراتۇرىسى بەك تۆۋەن بولۇپ كەتسە ئىسسىقلىق ساقلاشقا دىققەت قىلىش.
4. كېسەللىك ئەھۋالىدىكى ئۆزگىرىشنى زەن قويۇپ كۆزىتىش، دوختۇرنىڭ تاپشۇرۇقىنى قەتئىي ئورۇنلاش ھەم كېسەللەنگۈچى بوۋاقتىكى كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىشكە دىققەت قىلىش. ئەگەر كېسەللەنگۈچى بوۋاقتا بىئاراملىق، نەپەس، يۈرەك رىتىمى تېزلاش، چىرايى ئۆزگىرىش قاتارلىق غەيرىي ئەھۋاللار بايقالسا، ۋاقتىدا دوختۇر بىلەن ئالاقىلىشىش كېرەك.