UyghurWiki
UyghurWikiنەمەھامىلىنىڭ يۈرەك تىۋىشى تۇيۇقسىز ئاڭلانماي قالساقانداق قىلىش كېرەك؟

ھامىلىنىڭ يۈرەك تىۋىشى تۇيۇقسىز ئاڭلانماي قالساقانداق قىلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن ھامىلىنىڭ يۈرەك تىۋىشىنى تەكشۈرۈش ھامىلىنىڭ ھايات ياكى ھايات ئەمەسلىكىگە ۋە ساغلام ياكى ساغلام ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق كۆرسەتكۈچ، كلىنىكىلىق تەكشۈرگەندە ھامىلىنىڭ يۈرەك تىۋىشى ئاڭلانماسلىق ئېھتىمالى بولسا، بۇ ئاللىقاچان ھامىلىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئەلۋەتتە. ئەمەلىي چوڭقۇر تەكشۈرگەندە، ۋاقىتلىق ئاڭلىيالماسلىق ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن، تىڭشىغۇچ ياكى دوپلېر ھامىلىنىڭ يۈرىكىنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئارقىلىق ھامىلە يۈرەك تىۋىشىنى تەكشۈرگەندە، بەزى ۋاقىتتا ئاڭلاش ئورۇنلىرىنى بىرقانچە قېتىم ئالماشتۇرغاندا ئاندىن ھامىلىنىڭ يۈرەك تىۋىشىنى ئېنىق ئاڭلىغىلى بولىدۇ. ھامىلىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى كۆپ خىل بولۇپ، بالا ھەمراھى جەھەتتىكى سەۋەبمۇ بار (مەسىلەن، بالا ھەمرىيىنىڭ ئاجراپ كېتىشى، بالا ھەمراھى ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشى). يەنە كىندىك جەھەتتىكى سەۋەبمۇ بار (مەسىلەن، كىندىك بېغىشىنىڭ چىگىلىپ قېلىشى، كىندىك بېغىشىنىڭ چۈشۈپ قېلىشى). بۇنىڭدىن باشقا ھامىلە جەھەتتىمۇ سەۋەب بار (مەسىلەن، ھامىلىنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىنىڭ غەيرىي بولۇشى، تەبىئىي نۇقسانلار)، ھامىلە ئۆلۈشتىن ئىلگىرى دائىم مىدىراشتىن توختايدۇ ۋە مىدىرلاش قېتىم سانى كۆرۈنەرلىك ئازلاپ كېتىدۇ. تىڭشىغۇچ ئارقىلىق ھامىلىنىڭ يۈرەك تىۋىشىنى ئاڭلىمىغاندا، دوپلېر ھامىلە يۈرىكىنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئارقىلىق تىڭشاش كېرەك. ئەگەر بالىنىڭ يۈرەك تىۋىشى ھەقىقەتەن يوقاپ كەتسە، ئادەتتە B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ، ئاندىن ھامىلىنىڭ ئۆلگەن - ئۆلمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىش كېرەك. B تىپلىق ئۇلترا ئاۋز دولقۇنى ئارقىلىق ھامىلىنىڭ يۈرەك تىۋىشى، تەۋرىنىشى، مۇسكۇللىرىنىڭ كېزىلىشى، ھامىلىنىڭ نەپەس ئېلىشى ۋە ھەرىكىتى قاتارلىق تۈرلۈك ھاياتلىق ئېلېمېنتلىرىغا ئېنىق ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
ھامىلىنىڭ يۈرەك تىۋىشى تۇيۇقسىز ئاڭلانماي قالساقانداق قىلىش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki