UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىنىڭ دۈمبىسىنى قانداق شاپىلاقلاش كېرەك؟

بالىنىڭ دۈمبىسىنى قانداق شاپىلاقلاش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن دۈمبىگە شاپىلاقلاشنىڭ بالىنىڭ كېكىرىشىگە ياردىمى بولىدۇ، يەنى بالىنىڭ سۈتنى ياندۇرۇۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ياخشى ئۇسۇل. بالىنىڭ دۈمبىسىنى شاپىلاقلىغاندا، ماھىرلىق بىلەن شاپىلاقلاش كېرەك. بالا ئېمىپ بولغاندىن كېيىن بالىنىڭ دۈمبىسىنى شاپىلاقلاشتىكى مەقسەت — بالىنىڭ دۈمبىسىنى تەۋرەندۈرۈپ، ھاۋانى چىقىرىۋېتىشتىن ئىبارەت. شاپىلاقلايدىغان ئورۇن چوقۇم مايكىسىنىڭ ئوتتۇرىسى بولۇشى كېرەك، بۇ بالىنىڭ ئاشقازىنىغا ماس كېلىدۇ. ساغرا ۋە مۈرىگە شاپىلاقلىماسلىق كېرەك. شاپىلاقلاش ئۇسۇلى: ئالىقاننى ئازراق ئېگىپ، ناھايىتى يېنىكلىك بىلەن ئۇرۇش، مۇشۇنداق قىلغاندا ئاشقازاندىكى ھاۋانى چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ. بارماق بىلەن يېنىك چەكسە ياكى دۈمبىنى سىيلىسا، بالا خاتىرجەم ئۇخلايدۇ. بالا كېكىرسە ئاندىن دۈمبىنى شاپىلاقلاش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغانلىق بولىدۇ، كېكىرمىسە داۋاملىق شاپىلاقلاش كېرەك. ئېمىتىپ بولغاندىن كېيىن دۈمبىنى شاپىلاقلاش ئادىتى سۈتنى ياندۇرۇۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، دۈمبىنى شاپىلاقلىغاچ، غىڭشىپ ئەللەي ناخشىسى ئېيتسا، بالا پسىخىكا جەھەتتىن تىنچلىنىدۇ. بۇ ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى ناھايىتى ياخشى بولغان ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش جەريانى بولۇپ، بالىنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە پايدىلىق.
← بارلىق تېمىلار نەمە
بالىنىڭ دۈمبىسىنى قانداق شاپىلاقلاش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki