UyghurWiki›نەمە›ھامىلىدار ئاياللار مەست قىلىش خاراكتېرىدىكى ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى ئىستېمال قىلسا ئانا ۋە ھامىلىگە خەتىرى بولامدۇ؟
ھامىلىدار ئاياللار مەست قىلىش خاراكتېرىدىكى ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى ئىستېمال قىلسا ئانا ۋە ھامىلىگە خەتىرى بولامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە مورفىن قاتارلىق مەست قىلغۇچى دورىلارنى ئىشلەتكەندە، ئانىنىڭ بۇنىڭغا خۇمار بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن، ئەكسىچە، ھامىلە ۋە يېڭى تۇغۇلغانلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق تۇغۇلۇپ 24 سائەتتىن 48 سائەتكىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى روھلىنىش ھالىتىدە بولىدۇ. مەسىلەن: مۇسكۇل تەرەڭلىكى ئارتىش، زىيادە پائالىيەتچان بولۇش، ئېمىش ھەرىكىتى ماسلاشماسلىق قاتارلىقلار. بوشانغان ۋاقىتتا مورفىن ئىشلەتكەندە، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ نەپەس ئېلىشىنى تورمۇزلاپ قويىدۇ. دولانتىن بولسا كىشىلەر ياساپ چىققان ئاغرىق توختىتىش دورىسى بولۇپ، مورفىنغا قارىغاندا ئاغرىق توختىتىش رولى بىر ئاز ئاجىز. خۇمار قىلىشىمۇ مورفىنغا قارىغاندا بىر ئاز يېنىك. دوختۇرخانىدا مورفىننىڭ ئورنىدا ئاغرىق توختىتىشقا ئىشلەتكەندە، ئۇنىڭ ناچار تەسىرى مورفىن بىلەن ئوخشاش. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە دولانتىن ئىشلەتكەندە، ناھايىتى تېز سۈرئەتتە بالىياتقۇ ئارقىلىق ھامىلە بەدىنىگە كىرىدۇ. ئەگەر بوشانغان ۋاقىتتا بۇ دورىنى ئىشلەتسە، بالىياتقۇنىڭ تەرتىپلىك تارىيىش ۋە كېڭىيىشىنى ئۆزگەرتىپ، تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىدىن كۆپ قان كېلىش ياكى تېز ئەسلىگە كەلمەسلىك قاتارلىق ناچار رولىنى ئوينايدۇ. يېڭى تۇغۇلغانلارنىڭ نەپەس ئېلىشىنى تورمۇزلاپ قويىدۇ، تورمۇزلاش دەرىجىسى بىلەن دورا ئۆلچىمى ۋە ۋاقتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا بوشانغان ۋاقىتتا دولانتىننى كۆپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. قىسقا ۋاقىت ئىىدە بوشىنىدىغانلار ئەڭ ياخشىسى ئىشلەتمىگىنى ياخشى، بولمىسا يېڭى تۇغۇلغانلارنىڭ نەپىسى تورمۇزلىنىپ قالىدۇ. بەزى ماتېرىياللاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ئانىنىڭ بوشانغان ۋاقىتتىكى جىددىيلىشىش ھالىتى بىلەن ھامىلىنىڭ دېمى سىقىلىشى ئوتتۇرىسىدا بەلگىلىك مۇناسىۋەت بار ئىكەن. شۇڭا، ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى مۇۋاپىق ئىشلەتكەندە، تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ئاۋازى ۋە قورقۇنچىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. ھامىلىنىڭ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشى ئۈچۈن بەلگىلىك ياخشى رول ئوينايدۇ. كۆپ مىقداردىكى ئاغرىق توختىتىش دورىسى تۇغۇت ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى، تۇغۇت جەريانىدا توختاپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ھەربىرخىل دورا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ ئانا ۋە ھامىلىگە پايدىسى ۋە زىيىنى بولىدۇ. ئومۇملاشتۇرغاندا، كلىنىكىلىق دوختۇرلارنىڭ ھامىلىدار ئاياللار ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللارغا ئىشلەتكەن ئاغرىق توختىتىش دورىسىنىڭ كۆپىنچىسى ئىشلىتىشكە تېگىشلىك ۋە بىخەتەر.