سۇ ئاستى پاراخوتى قانداق كەشپ قىلىنغان؟
نېمە ئۈچۈن
سۇ ئاستى پاراخوتلىرى ئاساسلىقى سۇ ئاستىدا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقتىن ھەم <ئوغرىلىقچە ھۇجۇم قىلىش> شەكلىدە ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقتىن، ھەربىي پاراخوتلارنىڭ ئەڭ پەۋقۇلئاددە بىر خىلى ھېسابلىنىدۇ.
ئىنسانلار خېلى بۇرۇنلا ھەر خىل سۇغا شۇڭغۇچلارنى ياسىغان، لېكىن ھەقىقىي سۇ ئاستى كېمىسى ⅡⅤⅩ ئەسىردە ئاندىن كەشىپ قىلىنغان، ئەينى چاغدا، گوللاندىيىلىك كەشپىياتچى درېبىل ياغاچتىن كىچىك بىركېمە ياساپ، سىرتىنى كالا خۇرۇم بىلەن قاپلاپ، كالا خۇرۇمىنىڭ ئۈستىگە سۇ ئۆتكۈزمەيدىغان مايلارنى سۈرگەن. بۇ سۇ ئاستى كېمىنىڭ ئىچىدە بىر قانچە تۇلۇم بولۇپ، تۇلۇملارغا سۇ قاچىلىغاندا، كېمە سۇغا چۆكەتتى؛ ئەگەر تۇلۇمدىكى سۇنى سىقىپ چىقىرىۋەتسە، كېمە سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىقاتتى. دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇن ياسالغان بۇ سۇ ئاستى كېمىسىگە 12 ئادەم سىغاتتى، ئەينى چاغدا، درېبىل قاتارلىقلار بۇ كېمىگە ئولتۇرۇپ سۇغا بەش مېتىر چوڭقۇرلۇقتا چۆككەن ھەممە ئادەم كۈچى بىلەن پارلاق ئۇرۇپ، بىر نەچچە سائەت يۈرگەن.
1776 - يىلى، ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئامېرىكا ئارمىيىسى بىرلا ئادەم چىقىدىغان <دېڭىز تاشپاقىسى> ناملىق سۇ ئاستى كېمىنى كەشىپ قىلدى، ئۇنىڭ شەكلى يوغان بىر دانە غاز توخۇمغىلا ئوخشايتتى. ئەينى چاغدا، ئامېرىكا ئارمىيىسىدىكى بىر ئەسكەر <دېڭىز تاشپاقىسى> ناملىق سۇ ئاستى كېمىسىگە چىقىپ، ئەنگىلىيىنىڭ ھەربىي كىېملىرىگە سۇ ئاستىدىن ھۇجۇم قىلماقچى بولدى. گەرچە بۇ قېتىملىق ھۇجۇم مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان بولسىمۇ، بىراق، بۇ سۇ ئاستى كېمىنىڭ تۇنجى قېتىم ھەربىي ۋەزىپە ئىجرا قىلىشى كېرەك.
1800 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە، ئامېرىكىلىق فوۋلدون سىرتىغا مىس قاپلانغان <شاتۇتى قۇلۇلىسى> ناملىق سۇ ئاستى كېمىسىنى لايىھىلەپ ياساپ چىقتى، ئۇنىڭ سۇغا چۆكۈشىنى تىزگىنلەيدىغان سۇ باكى ۋە گۇرىزونتال رولى بولۇپ، سىرتقى شەكلى ھازىرقى سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا ئوخشىتىپ كېتەتتى. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، بېنزىن ماتورلۇق سۇ ئاستى پاراخوتى مەيدانغا كەلدى. بۇ خىل سۇ ئاستى پاراخوتنىڭ سۇغا چۆكۈش جەھەتتىكى لايىھىلىنىشى ۋە ئىقتىدارى كۆپ ياخشىلىنىپلا قالماي، بەلكى يەنە تورپېدا قويۇپ بېرىش تۇرۇبىسى ھەم ئالدى - كەينىگە بىردىن زەمبىرەك ئورنىتلىپ، ھەقىقىي جەڭگىۋار سۇ ئاستى پاراخوتىغا ئايلاندۇرۇلغانىدى.