ئويۇن جەريانىدا بالىلارنىڭ سەزگۈسىنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
ئىنسانلارنىڭ بىلىمى ئەڭ دەسلەپتە سەزگۈ، ئىدراك ئارقىلىق كېلىدۇ. سەزگۈ ئەزاسى بولغان كۆز كۆرگەن نەرسىلەر، قۇلاق ئاڭلىغان ئاۋاز، بۇرۇن پۇرىغان پۇراق، تىل ھېس قىلغان تەم، تېرە سەزگەن سېزىم قاتارلىقلار چوڭ مېڭىگە يەتكۈزۈلۈپ، چوڭ مېڭىدە غىدىقلىنىش پەيدا قىلىپ، ئاندىن چوڭ مېڭىنىڭ پىششىقلاپ ئىشلىشى ئارقىلىق قايتا خىلمۇخىل ئىنكاس بولۇپ قايتۇرۇلىدۇ. ئەگەر سەزگۈسى ناچار بولسا چوڭ مېڭە تولۇق غىدىقلانماي، ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى، تەپەككۇر ئىقتىدارى ۋە تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارى قاتارلىقلارنىڭ تەرەققىي قىلىشى تەس بولىدۇ. شۇڭا، ئادەمنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا سەزگۈ، ئىدراك دېگەنلەر ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ دېيىشكە بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ئەقىللىق بالىلارنى تەربىيىلىمەكچى بولىدىكەنمىز، بالىلارنىڭ سەزگۈسىنى مەشىق قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. ئويۇن بولسا بالىلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پائالىيىتىنىڭ بىرى. ئۇلار ئويۇن جەريانىدا ئۆزى بەگ ئۆزى خان، ئەركىن، خۇشال بولۇپ، ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارنىڭ ئويۇن جەريانىدىكى سەزگۈلىرىنى يېتىلدۈرۈشكە سەل قارىماسلىقى كېرەك. بالىلارنىڭ سەزگۈسىنى يېتىلدۈرۈشتىكى ئۇسۇل:
1. تەبىئەت ئاتا قىلغان تەبىئىي نەرسىلەردىن پايدىلىنىپ، بالىلارنىڭ سەزگۈسىنى بېيىتىش. تەبىئەتتىكى سۇ، تاش، قۇم، توپا قاتارلىقلار تەبىئەت بالىغا ئاتا قىلغان ئويۇنچۇق. بالىلار قۇم، سۇ، توپا ئويناش جەريانىدا ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىكنى ھېس قىلىدۇ. بالىنى ئەگەشتۈرۈش، سىرتقا چىققاندا ئېتىز - قىرلارنى، تاغ - ئېدىرىلارنى كۆرسىتىپ، بالىلاردىن <قانداق ئاۋاز ئاڭلىدىڭىز؟ نېمىنى كۆردىڭىز؟> <نەدىن كەلگەن پۇراق بۇ؟> دەپ سوراپ، تەبىئەتتىكى خىلمۇخىل ئاۋاز، رەڭ، پۇراق قاتارلىقلارغا بولغان سەزگۈسىنى قوزغىتىش كېرەك.
2. گۈزەل - سەنئەت پائالىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، بالىلارنىڭ سەزگۈسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. رەڭگارەڭ رەڭلەر بالىلارنىڭ كۆرۈش سەزگۈسىنى قوزغايدۇ. شۇڭا بالىڭىزغا رەڭلىك موم قەلەمنى تۇتقۇزۇپ، نەرسىلەرگە رەڭ بەرگۈزۈڭ. سۇ بوياق ئارقىلىق رەڭ بەرگۈزۈڭ، خىلمۇخىل رەڭلەرنى تونۇتۇڭ. رەڭلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە بولغان قىزىقىشى ۋە ئۆزگىرىش تەرتىپىنى ھېس قىلدۇرۇڭ. بالىلارغا كاۋچۇك موم، ساپال سەنئىتى قاتارلىقلارنى ئويناش پۇرسىتىنى كۆپرەك بەرگەندە، تېرە سەزگۈسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماي، يەنە بوشلۇق سەزگۈسىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
3. ئائىلىدىكى كۈندىلىك ئائىلە سايمانلىرىدىن پايدىلىنىپ، بالىنىڭ سەزگۈسىنى مەشىق قىلدۇرۇش. ئائىلە باشلىقلىرى بالا بىلەن پۇراش، تېتىپ بېقىش ئويۇنىنى ئويناپ، بالىنىڭ ئاچچىق، تاتلىق، چۈچۈمەل تەملەرنى پەرق ئېتىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك. ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن بالا بىرلىكتە كالىندارنى ۋاراقلاپ، ئالدىنقى بىر قانچە كۈندىكى پائالىيەتلەرنى ئەسلەش ئارقىلىق بالىنىڭ ۋاقىت سەزگۈسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.
4. قىزىقارلىق پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇپ، سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ سەزگۈرلۈكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. بىر يانچۇق ياساپ، بالىنىڭ قولىنى <ئاجايىپ يانچۇققا> تىقىپ، قولىغا ئۇچرىغان نەرسىنىڭ شەكلىنى، چوڭ - كىچىكلىكىنى، سىلىقلىقىنى، قاتتىق - يۇمشاقلىقىنى، ماتېرىيال سۈپىتىنى ئېيتقۇزۇش. بالىغا كۆزىنى يۇمغۇزۇپ <كىمنىڭ چاقىرغانلىقىنى ئاڭلاپ بىلىش>، <تۇتۇپ بېقىڭ، مەن كىم؟> دېگەندەك ئويۇنلارنى ئوينىتىپ، بالىنىڭ ئاڭلاش، تېگىش سەزگۈ ئىقتىدارىنىڭ ماسلىشىشىنى مەشىق قىلدۇرغاندا، سەزگۈ ئىقتىدارى پائالىيەت جەريانىدا توختىماستىن تەرەققىي قىلىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، چوڭلار بالىلارغا مول، رەڭگارەڭ بولغان غىدىقلىغۇچى مۇھىت يارىتىپ بېرىپ، سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ يېتەرلىك تەرەققىي قىلىشىنى مەشىق قىلدۇرۇش كېرەك، بۇ ئارقىلىق ئەقىللىق بالىلارنى تەربىيىلەپ چىققىلى بولىدۇ.