UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئۇلىغاندىن كېيىن ياخشى مېۋىلەيدۇ؟

نېمە ئۈچۈن مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئۇلىغاندىن كېيىن ياخشى مېۋىلەيدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بىر كىشى يوغان بىر دانە شىرنىلىك تاتلىق شاپتۇلنى يەپ، ئۇنىڭ تەمىدىن بەكمۇ لەززەتلىنىپتۇ - دە، ئۈچكىسىنى ساقلاپ قويۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ: ئەگەر بۇ ئۈچكىنى يەرگە تېرىسام، ئۆسۈپ شاپتۇل دەرىخىگە ئايلىنىدۇ، كېيىن ئۇنىڭدىن چۈشكەن شاپتۇلمۇ مۇشۇنداق يوغان ھەم تاتلىق بولمامدۇ، دەپ ئويلاپتۇ. ئىككىنچى يىلى ئۆزىنىڭ ئويى بويىچە ئىش قىلىپتۇ. يەنە بىر قانچە يىل جاپالىق ئىشلىگەندىن كېيىن، شاپتۇل دەرىخى چېچەكلەپتۇ ھەمدە مېۋىلەپتۇ، بىراق مېۋىسى ئۇنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ، ئۇششاق بولۇپلا قالماستىن، يەنە تېخى ئاچچىق بولۇپ پىشىپتۇ. نېمە ئۈچۈن شاپتۇل مېۋىسىنىڭ تەمىدە بۇنداق پەرق بولىدۇ؟ ئەسلىدە مېۋىلىك دەرەخلەر ئادەتتىكى ئۆسۈملۈكلەرگە ئوخشاشمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆز گۈلىدىن چاڭلىنىشىنىڭ مېۋىلەش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، مۇتلەق كۆپچىلىكى چەتتىن چاڭلانغاندىلا ئاندىن مېۋىلىيەلەيدۇ. تەبىئىي ئەھۋالدا مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ئۇرۇقى ساپ ئۇزۇق بولماستىن، بەلكى باشقا گۈل چاڭلىرىنى قوبۇل قىلغان شالغۇت ئۇرۇق ھېسابلىنىدۇ. شالغۇت ئۇرۇقى تەركىبىدە تۈرلۈك ئىرسىيەت تەركىبىلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەۋلادىدا كۆپ ھاللاردا تۈرلۈك پەرقلەر، مەسىلەن، دەرەخ شەكلىنىڭ كىچىكلىشى (چوڭىيىش ئېھتىماللىقىمۇ بار) ياكى مېۋىنىڭ پىشىش ۋاقتى قىسقىراش (ئۇزىراش ئېھتىماللىقىمۇ بار) قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. مېۋە سۈپىتىنىڭ ناچارلىشىشىغا كەلسەك، ئۇ ئانا تۈپىنىڭ ياۋا دەرەخلەر گۈل چېڭىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئۇلار ئۇسۇلىنى يېتىشتۈرگەندە ئەھۋال بۇنىڭغا ئوخشاشمايدۇ، چۈنكى ئۇلاشقا ئىشلىتىلگەن ئۇلاقلىق كونا سورت دەرىخىنىڭ شېخى ياكى بىخى؛ ئۇ بىر خىل جىنىسسىز كۆپەيتىش بولۇپ، ئىچىدە شالغۇت ئۇرۇق مېۋىسىدە ئەسلىدىكى ئەلا سورتنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە