UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ روھلاندۇرۇش دورىسى ئىچىشى مەنئى قىلىنىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ روھلاندۇرۇش دورىسى ئىچىشى مەنئى قىلىنىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزلىدىغان ھەر خىل چوڭ تىپتىكى مۇسابىقىلەردە ئاز ساندىكى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ نەتىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن روھلاندۇرۇش دورىسى ئىچكەنلىكى بايقالدى. بۇ، تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنىڭ ئادىل رىقابەتلىك بولۇش پرىنسىپىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپلا قالماي، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ تېنىگىمۇ زور زىيان يەتكۈزدى. روھلاندۇرۇش دورىسىنىڭ تۈرى كۆپ، بەزىلىرى ئادەمنىڭ بۇلجۇڭ گۆشلىرىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ جىسمانىي كۈچىنى كۆپ ھەرىكەتلىك مەشىقتىن كېيىن تېز ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ؛ بەزىلىرى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ يۈرەك رىتىمىنى تۆۋەنلىتىپ، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇىدۇ، ھەرىكەتنىڭ مۇقىملىق ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ. ئەمما، تېببىي پەن مۇتەخەسسىسلىرى روھلاندۇرۇش دورىلىرى ئىچكەن بارلىق كىشىلەرنىڭ تېنىگە زىيانلىق، دەپ كۆرسەتتى. ھازىر ھەم نەتىجىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىغان، ھەم تەنگە زىيان قىلمايدىغان روھلاندۇرۇش دورىسى تېخى بايقالمىدى. روھلاندۇرۇش دورىسى ئىچىشنىڭ ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە قاتتىق زىيانلىق ئىكەنلىكىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى شۇكى، ئۇ مەجبۇرلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاەم بەدىنىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارىنى ئۆزگەرتىدۇ، بۇنداق ئۆزگەرتىش بەدەننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئەسلىدىكى فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ - دە، ئۇزاق مۇددەت خۇمار قىلىدۇ، ھەتتا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. روھلاندۇرۇش دورىسىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئۇسۇللىرى كۆپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغىنى سۈيدۈك تەكشۈرۈش. سۈيدۈكتە دورىنىڭ ققويۇقلۇق دەرىجىسى يۇقىرىراق بولىدۇ، ئۈلگە ئېلىپ تەكشۈرۈشكە قۇلايلىق، تەنھەرىكەتچىلەرگە زىيىنى يوق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەزى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ قان روھلاندۇرۇش دورىسى ئىشلەتكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، تېببىي ساھەسىدىكىلەر بىخەتەر، ئىشەنچلىك بولغان قان تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئۈستىدە پائال ئىزدەنمەكتە.
← بارلىق تېمىلار نەمە