UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبىر ياشتىن ئىككى ياشقىچە بولغان بالىلار قانچىلىك مىقداردا ياغ تولۇقلىسا بولىدۇ؟

بىر ياشتىن ئىككى ياشقىچە بولغان بالىلار قانچىلىك مىقداردا ياغ تولۇقلىسا بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ياغ بولسا ئادەم بەدىنىنى پائالىيەت جەريانىدا ئېھتىياجلىق بولغان ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەيدۇ، ۋىتامىنلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ياغدىكى ياغ كىسلاتاسى بولسا، يەنە بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىدىكى زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ بىرى. ياغ — ھايۋانات يېغى ۋە ئۆسۈملۈك يېغى دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ، ئۆسۈملۈك يېغى ئاساسلىقى ئۆسۈملۈكتىن كېلىدۇ، ھايۋانات يېغى بولسا سېمىز گۆشلەردىن كېلىدۇ. بۇ ئىككى خىل ياغ بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىنتايىن مۇھىم. بالىلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە (بىر ياشتىن ئىككى ياشقىچە) ھەر كۈنى تەخمىنەن 30 گرامدىن 40 گرامغىچە ياغقا ئېھتىياجلىق بولۇپ، بۇ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى ئېھتىياجنى قامدايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە