UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيەر شارىنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا بىر قېتىم ئايلىنىشى دەل بىر كۈن بولامدۇ؟

يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا بىر قېتىم ئايلىنىشى دەل بىر كۈن بولامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بىز يەر شارىدا ياشايمىز. يەر شارى ئۆز ئوقى ئەتراپىدا بىر قېتىم ئايلانغىچە، دەل بىر كۈن ۋە بىر كېچە ۋاقىت ئۆتىدۇ، بۇنىڭ ئۆزى بىر كۈن ئەمەسمۇ؟ ئەمما ئاسترونوملار يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىشىغا كېتىدىغان ۋاقىتنىڭ 23 سائەت 56 مىنۇت ئىكەنلىكىنى ئۆلچەپ چىقتى. ئەمما يەر شارىدىكى بىر كۈن 24 سائەت قىلىپ بەلگىلەنگەن. بۇ زادى قانداق ئىش؟ ئاسترونومىلار، قۇياشنىڭ ئىككى قېتىم ئوخشاش بىر مېرىدىئاننى يورۇتۇش ئارىلىقىدىكى ۋاقىتنى بىر كۈن دەپ بەلگىلىگەن. يەنى يەر شارىدىكى قۇياشقا ئۇدۇل تۇرغان بىر نۇقتا ئىككىنچى قېتىم قۇياشقا ئۇدۇل كەلگۈچە توپتۇغرا 24 سائەت، يەنى بىر كۈن كېتىدۇ. ئەگەر يەر شارى پەقەت ئۆز ئوقى ئەتراپىدىلا ئايلىنىپ، قۇياش ئەتراپىدا ئايلانمىسا، بۇنى يەر شارنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا بىر قېتىم ئايلىنىشىغا كېتىدىغان ۋاقىت دەپ قاراشقا بولاتتى. ئەمما يەر شارى ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ. قۇياشقا ئۇدۇل تۇرغان ھېلىقى بىر نۇقتا يەر شارى ئۆز ئوقى ئەتراپىدا بىر قېتىم ئايلانغاندىن كېيىن ئوخشاشلا قۇياشنى چۆرىدەپ مەلۇم گرادۇس ئايلىنىدۇ، شۇڭا ئۇ قۇياشقا دەل ئۇدۇل كەلمەي قالىدۇ. ئۇ يەنە ئازراق ئايلانسا ئاندىن قۇياشقا ئىككىنچى قېتىم ئۇدۇل كېلىدۇ، يەر شارىنىڭ مۇشۇ ئازراق ئارىلىققىچە ئايلىنىشى ئۈچۈن تۆت مىنۇتچە ۋاقىت كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، قۇياش ئىككى قېتىم ئوخشاش بىر مېرىدىئاننى يورۇتقىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە، يەر شارى ئەمەلىيەتتە ئۆز ئوقى ئەتراپىدا بىر قېتىمدىن كۆپرەك ئايلىنىدۇ، يەنى 23 سائەت 56 مىنۇتقا تۆت مىنۇت قوشۇلسا دەل 24 سائەت بولىدۇ. شۇڭا يەر شارى قۇيشنى چۆرىدەپ بىر قېتىم ئايلىنىش داۋامىدا، يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا بىر قېتىم ئايلىنىش قېتىم سانى بىر يىلنىڭ ئەمەلىي كۈن سانىدىن بىر كۈن كۆپ بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە