ئىتنىڭ پۇراش سېزىمى نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئۆتكۈر؟
نېمە ئۈچۈن
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ بىر پاراخوتى ئۇرۇش داۋامىدا دۈشمەن ئارمىيىسى تەرىپىدىن چۆكتۈرۈۋېتىلىدۇ. تەلىيى كېلىپ ھايات قالغان ئەسكەرلەر «جۇدى» ئىسىملىك بىر ھەربىي ئىتقا ئەگىشىپ سۇ ئۈزۈپ بىر قاقاس ئارالغا چىقىۋالىدۇ. ئەسكەرلەر بۇ ئارالدىن ئىچكۈدەك تاتلىق سۇ تاپالماي ئۈمىدسىزلىنىپ تۇرغان چاغدا ھېلىقى ئىت پۇراش سېزىمىگە تايىنىپ تاتلىق سۇ مەنبەسىنى تېپىپ، ئەسكەرلەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ.
ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن ئىتتا شۇنچە زور قابىلىيەت بولىدۇ؟
بىز ئاۋۋال ئىتنىڭ بۇرۇن تۈزۈلۈشىگە قاراپ باقايلى. ئىتنىڭ بۇرنى ئادەتتىكى ھايۋانلارنىڭ بۇرۇنىنىڭ تۈزۈلۈشىگە قارىغاندا كۆپ مۈرەككەپ. ئۇنىڭ بۇرنى نەپەس ئېلىش رولىنى ئوينىغاندىن سىرت، يەنە ئۇ پۇراق پۇراش سېزىم ئەزاسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىتنىڭ بۇرنىدا نۇرغۇن شىللىق پەردىلەر بار بولۇپ، شىللىق پەردىلەر توختىماستىن شىلىمشىق سۇيۇقلۇق چىقىرىپ، شىللىق پەردىدىكى پۇراش سېزىم ھۈجەيلىرىنى سىلىقلاپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئىتنىڭ بۇرنى ئىزچىل تۈردە ناھايىتى سەزگۈر بولغان پۇراش سېزىمىنى ساقلاپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىتنىڭ بۇرنىنىڭ ئۇچلۇق قىسمىدا يەنە ئازراق تۈكسىز شىللىق پەدە توقۇلمىلىرى بار بولۇپ، كۆتۈرۈلۈپ چىققان بۇ توقۇلمىلارمۇ ئۈزلۈكسىز تۈردە نۇرغۇن شىلمىشىق ئاجرالمىلارنى چىقىرىپ ئىتنىڭ بۇرنىنى سىلىقلاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. شۇڭا، ئىتنىڭ بۇرنى ئەتىدىن - كەچكىچە ھۆل تۇرىدۇ. ئىتنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولماي قالسا، مەسىلەن، قىزىتمىسى ئۆرلەپ قالسا، ئۇنىڭ بۇرنى قۇرۇپ كېتىدۇ - دە، پۇراش سېزىمى ساق ۋاقتىدىكىدەك سەزگۈر بولماي قالىدۇ.